تېلېگراممىنى كىم كەشىپ قىلغان؟
نېمە ئۈچۈن
تېلېفون كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، يىراق جايلار بىلەن ئالاقىلىشىشتە تېلېگرامما يوللانسا ناھايىتى تېز بولاتتى. تېلېگراممىنى ئامېرىكىلىق مورىس كەشىپ قىلغان.
مورىس ئەسلىي بىر رەسسام ئىدى. 1832 - يىل 10 - ئاينىڭ بىر كۈنى ئۇ پاراخوت بىلەن ياۋروپادىن ئامېرىكىغا قايتىدۇ. پاراخوتتا، ئۇ جېكسون ئىسملىك بىر ياشنىڭ يولۇچىلارغا <ئېلېكتر ماگنىت ئىندۇكسىيىسى> نى چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇ: <توكنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز ئىكەن، بىر سېكۇنتتا 300 مىڭ كىلومېتر ئارىلىققا بارالايدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ئەۋەتىشكە بولسا، نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى -ھە!> دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئېلېكتر ئىلىمىنى بېرىلىپ ئۆگىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ ھەمدە توكتىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر يوللاشنى سىناق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېلېكتر ئىلىمىدىن خەۋىرى بولمىغاچقا، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدۇ، قىيىن مەسىىلەرگە يولۇققاندا، ئېلېكترشۇناسلاردىن سورايدۇ. ئۇنىڭ رەسىمخانىسى ئېلېكتر ئىلمى تەجرىبىخانىسىغا ئايلىنىدۇ. كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە، مورس نۇرغۇن چېرتيوژ لايىھىلەپ سانسىز قېتىم تەجرىبە ئىشلەپ، ھەممىسىدە مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ پۇلى تۈگىگەچكە، ئىلاجىسىز نيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا سەنئەت دەرسى ئۆتىدۇ، خىزمەتتىن بوشىغان چاغلىرىدا تېلېگرامما ئىجاد قىلىش خىزمىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىدۇ. بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، مورس ئاخىرى 1837 - يىلى ئېلېكتر ئېقىمىنىڭ <ئۇلىنىشى> ۋە <ئۈزۈلۈشى> ئارقىلىق رەقەم ۋە ھەرپنى ئىپادىلەيدىغان كود - <مورس كود> نى كەشىپ قىلىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى تۇنجى تېلېگراف ئاپپاراتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدۇ.
1843 - يىلى، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن، مورس ۋاشىنگتون بىلەن بالتىمور ئارىسىدا 64 كىلومېتىرلىق تېلېگراف لىنىيىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى تېلېگراف لىنىيىسى ئىدى. 1844 - يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، مورس ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسىدا تېلېگراف ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ، بالتىمورغا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى تېلېگراممىنى يوللايدۇ.