UyghurWiki
UyghurWikiنەمەچارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دېگەن نېمە؟

چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغىلا ئوخشىتىدۇ، ئۇنىڭ ھاۋادا ئۇچقان چاغدىكى مۇقىم ھالىتىنى ساقلايدۇ. نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئادەتتە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ھەجىمى كىچىكرەك ھەم يېنىكرەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باللىستلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرگە ئوخشاش ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ سىرتىدا ئۇچماستىن، بەلكى باشتىن - ئاخىر ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئۇچىدۇ. چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى يەردىن قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا پاراخوت ۋە ئايروپىلاردا ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە قويۇپ بېرىشكە بولىدۇ. چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى ئادەتتە بىر نەچچە يۈز كېلومېتىردىن بىر نەچچە مىڭ كىلومېتىرغىچە بولىدۇ، بىراق ئۇ ئۇچۇش جەريانىدا، باشتىن - ئاخىر دېگۈدەك ئەڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدە بىر نەچچە مېتىردىن ئون نەچچە مېتىرغىچە ئېگىزلىكتە ئۇچىدۇ. قۇرۇقلۇقتا ئۇچۇش ئېگىزلىكى 50 مېتىردىن ئاشمايدۇ. ھەتتا تاغلىق رايونلاردىمۇ، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 مېتىرغا يەتمەيدۇ. چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى بەك تۆۋەن بولغاچقا، يوشۇرۇنۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، دۈشمەننىڭ رادرلىرى ئۇنى ئاسان بايقىيالمايدۇ، شۇڭا بۇ تۇيۇقسىز زەربە بېرەلەيدۇ. چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ يەنە بىر ئىقتىدارى شۇكى، ئۇ ئاپتۇماتىك يول باشلىيالايدۇ، ئۇنىڭغا مۇرەككەپ ھەم نازۇك باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىلغان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى كومپيوتېردا <رەقەملىك خەرىتە> ساقلانغان بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئۆتىدىغان جايلارنىڭ يەر شەكلىنى ئېنىق بىلىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئۇچۇش جەريانىدا، كومپيوتېردىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، توسالغۇلاردىن ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ ھەمدە ئۇچۇش لېنىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ئاخىر بېرىپ نىشانغا توغرا تېگىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە