كىيىم تاللاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيىتى بار. شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى كىيىم تاللاشتا چوقۇم ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۇمشاق تېرىسىنىڭ سۈرۈلۈپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىيىمىدە مېتال تۈگمە، ئىلغۇچ بولماسلىقى، ئەڭ ياخشىسى رەخت تۈگمە ياكى بوغقۇچ بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە گۈللۈك جىيەكلىك كىيىم ئېلىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. قول - پۇتىنى تۆشۈكلىرىگە تىقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئاندىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ پۇت - قولى ئاساسەن ئېگىلىكلىك ھالەتتە ھەم ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ يېتىلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن كىيىمىنىڭ سەل چوڭراق، تېگى يۇمشاق، ئازادە، تىكىلگەن ئورنى ھەمدە يەڭ، ياقا ئېغىزلىرى يۇمشاقلىرىنى تاللاش مۇۋاپىق بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېرىسىنىڭ سۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ تەر سۈمۈرۈش ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىمىنىڭ رەختى يۇمشاق، سۇ سۈمۈرۈشچان پاختا توقۇلمىلار ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. ئەكسىچە، بىرىكمە تالالىق ياكى نىلون توقۇلمىلار سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچار بولغانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ. ئاتا - ئانىلار كىيىم سېتىۋالغاندا قۇلايلىق ئامىللىرىنى، ئاساسلىقى كىيىشكە، زاكا ئالماشتۇرۇشقا، يۇيۇشقا قۇلايلىق بولۇشنى ئويلىشىشى ۋە زاكا ئالماشتۇرۇشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ياز كۈنلىرى بوۋاقلارغا روباشكا شەكلىدىكى ئۇزۇن يالاڭ كىيىملەرنى، قىش كۈنلىرى ئازادە كۆڭلىكى تۇتاش ئىشتان تاللاش كېرەك.