UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش دېگەن نېمە؟

ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش بولسا — ئىرسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى. بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى، بەزى كېسەللىكنىڭ ئىرسىي ھالدا داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىرسىي داۋاملىشىدۇ. 1. يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى، كىشىلەر ئىچىدە يوشۇرۇن ئىرسىي كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بىراق، باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېلىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. مەسىلەن، يالغۇز ئاتسېتون كېسەللىكىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى نىسبىتى 1/10000، بىراق ئەگىشىپ كەلگەن ئارىلاشما كېسەللىكنىڭ بولسا 1/50 بولۇپ، ئارىلاشماي، ساپ داۋاملاشقان كېسەللىكنىڭ 20 ھەسسىسى قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان ئىرسىي كېسەللىكلەرنى، ئادەتتە ئارىلاشما توپولياتسىيە قىلىپ سۈزۈپ تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ. پەقەت بىمارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ياكى ئوبيېكتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. 2. خروموزومىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئورنى. خروموزومىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئورنىدا ئىرسىي ماددىنىڭ يوقىلىشى بولۇپ، خروموزومىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئورنى كېسەل ھالىتىدە ئىپادىلەنمەيدۇ، بىراق خروموزوما نورمالسىز تۇغۇلىدىغان بوۋاقنىڭ نىسبىتى 50% دىن ئېشىپ كەتسە، ھەتتا 100% گە يەتسە، ئۆلۈك بوۋاق تۇغۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئىرسىي سۈزۈپ تەكشۈرۈش دېگەن نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki