تىۋىت ئېلىش< ئوپېراتسىيىسىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ خىل تەكشۈرتۈشتە چوقۇم بىر پارچە تىۋىت توقۇلمىسى ئېلىش كېرەك، شۇڭا بۇنىڭ بىر ئاز خەتىرى بار. كۆپلىگەن دوكلاتلاردا مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئۇسۇلدا بالا چۈشۈپ كېتىش نىسبىتى 4% ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتىكى ئوخشاش ھەپتە بولغان تەبىئىي بالا چۈشۈپ كېتىش نىسبىتىدىن 3.5% يۇقىرى بولىدىكەن. چۈنكى ھامىلىنىڭ پۇت - قوللىرىنىڭ 10 ھەپتە ئىچىدىكى پارچىلىنىشى تۈگەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن بەك بالدۇر تەكشۈرتكەندە (مەسىلەن، 10 ھەپتىگە يەتمىگەندە)، ھامىلىنىڭ پۇت - قوللىرىنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار. نۆۋەتتە، ئاياللار بۆلۈمى ئىمكانقەدەر ھامىلىدار بولۇپ، 10 ھەپتىدىن كېيىن بۇ خىل تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بەرمەكتە. بىراق، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش قەتئىي چەكلىنىدۇ.