بالىغا نېمە ئۈچۈن بىۋاسىتە ئەمچەك توپچىسىنىبەرمەسلىك كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ ئازادە ۋە راھەت ئۇخلىشى ئۈچۈن، بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ھەپتە بولغاندىن كېيىن كېچىسى ئويغىنىپ كەتسە، دەرھال ئېمىتمەي <مەقسەتلىك> ھالدا باشقا تىنچلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك. مەسىلەن: بالىنى قۇچاقلاپ، ئەللەي ئىتىش، يېنىك شاپىلاقلاش، بالىنىڭ تەرەت لاتىسىنى ئالماشتۇرۇش ياكى باشقا ئىشلار بىلەن بالىنىڭ ئانىنىڭ ئەمچىكىگە بولغان دىققىتىنى بۇراش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا بالىدا <ئويغانساملا چوقۇم ئېمىمەن> دەيدىغان تۇيغۇ شەكىللەنمەيدۇ، بالىغا كېچىسى ئېمىشتىن باشقا ھەرخىل ئادەتلەرنى ئۆگىتىش شۇنداقلا ئانىنىڭ كۆكسىنى سىيلىغۇزۇپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرۇش ۋە دادا بالىنى پەپىلەپ سىناپ بېقىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بالا ئاستا - ئاستا كېچىسى ئويغىنىپ كەتسە، يەنە قايتا ئۇخلاش ھالىتىگە ئوڭاي كىرىدىغان بولىدۇ.