UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن چاشقان قاتتىق نەرسىلەرنى غاجىلاشقا ئامراق

نېمە ئۈچۈن چاشقان قاتتىق نەرسىلەرنى غاجىلاشقا ئامراق

نېمە ئۈچۈن چاشقان كېسەل يۇقتۇرىدىغان، زىرائەتلەرگە زىيان سالىدىغان، ھەتتا ئۆيلەردىكى ئىشكاپ، ساندۇقلارنى غاجاپ ئارام بەرمەيدىغان بولغاچقا، ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن بىزار. ئىشكاپ، ساندۇقلار ياغاچتىن ياسالغان بولغاچقا، ئۇنى يېيىش مۇمكىن ئەمەس، لېكىن چاشقان نېمە ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنى غاجايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، چاشقان قاتتىق نەرسىلەرنى يېيىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى چىشىنى بىلەش ئۈچۈن غاچايدۇ. كۆپ ساندىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۇتتۇر چىشى ئۆسۈپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن توختايدۇ، لېكىن چاشقاننىڭ ئوتتۇرچىشى توختاپ قالماي ئۆسۈۋېرىدۇ، ئەگەر مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئۆسۈۋېرىپ چاشقان ئاغزىنى يۇمالماس بولۇپ قالىدۇ - دە، بىر نەرسە چاينىيالماي ئاخىر ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. چاشقان مۇشۇنداق پاجىئەلىك ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چىشىنىڭ بىر قىسمىنى ئۇپرىتىۋېتىش مەقسىتىدە دائىم قاتتىق نەرسىلەرنى غاجايدۇ. بەزىدە چاشقاننىڭ چىشى بەك تېز ئۆسۈپ كەتسە، قورسىقى بەكلا تويۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بىر ئامال قىلىپ چىشىنى ئازراق خورىتىش ئۈچۈن قاتتىق نەرسىلەرنى غاجايدۇ. شۇڭا، ئۆيىمىزدىكى ساندۇق، ئىشكاپ ۋە كىتابلار چاشقاننىڭ چىشىنى بىلەش قۇربانى بولۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن چاشقان قاتتىق نەرسىلەرنى غاجىلاشقا ئامراق | UyghurWiki | UyghurWiki