UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك؟

بالىلار نېمىشقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرگە خاسىڭ، گازىر، پىستە بادام، ياڭاق مېغىزى قاتارلىقلار كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ماي ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان ياغ كىسلاتاسى، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنك قاتارلىقلار بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن تەمى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ كەتكەچكە، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بىراق بالىلىق دەۋرىدە چايناش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ياخشى چاينىيالمايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ھەزىم سىستېمىسىغا تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ بەرمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە