UyghurWiki
UyghurWikiنەمەپەقەت چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇشنىڭ ئۆزى ئىچى سۈرۈشمۇ؟

پەقەت چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇشنىڭ ئۆزى ئىچى سۈرۈشمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ ئۆزىلا ئىچ سۈرۈش بولۇشى ناتايىن. ئالدىراپ ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش دورىسى ئىشلىتىشكە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان بوۋاقلاردا يەنە فىزىئولوگىيىلىك ئىچ سۈرۈش مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان بوۋاقلاردا ئالتە ئاي ئىچىدە چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن. كۈندە ئاز بولغاندا تۆت - ئالتە قېتىم، كۆپ بولغاندا ئون قېتىمدىن كۆپ بولۇشى، چوڭ تەرەت سېرىق سۇيۇقراق، شىلمىشىق ۋە يىرىڭلىق قان يوق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسى، روھىي ھالىتى ياخشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال، ئېغىرلىقى نورمال ئارتىۋاتقان بولسا بۇ دەل فىزىئولوگىيىلىك ئىچ سۈرۈش بولىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك ئىچ سۈرۈشنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەتتە قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرگەندىن كېيىن چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى ئۆزگىرىپ نورمال ھالەتكە كېلىدۇ. شۇڭا بوۋاقلارنىڭ ئىچ سۈرگەندە ئاتا - ئانا كېسەل سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ياكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن ئاندىن مۇۋاپىق خەۋەر ئېلىش ۋە داۋالاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە