UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆكيۆتەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى نېمە؟

كۆكيۆتەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى نېمە؟

نېمە ئۈچۈن كۆكيۆتەلنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 7 ~ 14 كۈن، تىپىك كېسەللەنگۈچىلەر پۈتكۈل كېسەللىك جەريانى تەخمىنەن ئالتە - سەككىز ھەپتە بولۇپ، ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: 1. كاتارلىق دەۋرى. بۇ دەۋر تەخمىنەن بىر - ئىككى ھەپتە. ئىپادىسى زۇكامنىڭ ئالامىتى بىلەن ئوخشاش مەسىلەن: تۆۋەن قىزىتما، يۆتەل، پوتلىسى ئېقىش قاتارلىقلار ئۈچ ~ تۆت كۈندىن كېيىن يۆتەل ئېغىرلاشتىن بارا - بارا سىپازمىلىق يۆتەل يۈز بېرىدۇ. 2. سىپازمىلىق يۆتەل دەۋرى. بۇ دەۋر ئىككى - تۆت ھەپتە ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن، تۇتقاقلىق سىپازمىلىق يۆتەل بۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى. ھەر قېتىم يۆتەلگەندە ئارقا - ئارقىدىن ئون نەچچە قېتىمدىن نەچچە ئون قېتىمغىچە يۆتىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە كۆپ قېتىم تەكرارلىنىپ، شىلىمشىق بەلغەمنى ياكى ئاشقازاندىكى نەرسىلەرنى چىقىرىۋەتكىچە داۋاملىشىدۇ، ئۇلاپلا بىر قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئالىدۇ، ئاۋاز قاپقىقى يەنىلا قىسقارغان ھالەتتە تۇرغاچقا، توخۇ چىللىغاندەك نەپەس سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك گۈركىرىگەن ئاۋاز چىقىرىدۇ. كۈندۈزى يەڭگىل، كېچىسى ئېغىر بولىدۇ. يۆتەلگەندە دائىم كېسەللەنگۈچىنىڭ كۆزى يۇپيۇمىلاق ئېچىلىپ، يۈزى قۇلىقىغىچە قىزىرىپ، پوتلىسى بىلەن كۆز يېشى تەڭ ئېقىپ، كالپۇكلىرى تاتىرىپ چىراي ئىپادىسى ئىنتايىن ئازابلىق بولىدۇ. ئاز ساندىكى كېسەللەنگۈچىلەر كۆپ قېتىم سپازمىلىق يۆتەلگەندە قاپىقى ئىششىش، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى ۋە بۇرۇن شىللىق پەردىسىدىن قان چىقىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. چوڭلار ۋە يېشى چوڭراق ئۆسمۈرلەردە تىپىك بولغان سىپازمىلىق يۆتەل بولمايدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئاۋاز قاپقىقى تار بولغانلىقتىن، سىپازمىلىق يۆتەلگەندە نەپەس ۋاقىتلىق توختاش ھەمدە مېڭىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن دۆلىنىش يۈز بېرىدۇ ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. 3. ساقىيىش دەۋرى. بۇ دەۋر ئادەتتە بىر - ئىككى ھەپتە تۇتقاقلىق سپازمىلىق يۆتەل بارا - بارا ئازىيىپ ھەتتا توختايدۇ. لېكىن ئەگەر ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، كۆكيۆتەل مېڭە كېسىلى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللەر كۆرۈلگەندە كېسەل جەريانى نەچچە ئايغىچە ئۇزىراپ كېتىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
كۆكيۆتەلنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى نېمە؟ | UyghurWiki | UyghurWiki