UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قانداق يۇيۇشكېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قانداق يۇيۇشكېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇش ۋاقتىنى ئېمىتىشتىن بۇرۇن ياكى ئېمىتىپ 1 ~ 5.1 سائەتتىن كېيىنگە توغرىلاش، ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كىندىك بېغى چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا ئۈستى، ئاستى بەدەننى ئايرىپ يۇيۇش كېرەك. ئاۋۋال بوۋاقنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، ئانا سول قول ئالىقىنى بىلەن بوۋاقنىڭ باش - بويۇن قىسمىنى تىرەپ، سول قولىنىڭ باش بارماق ۋە ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن قۇلاق سۇپۇرىسىنى ئالدىغا قايرىپ ھەمدە بوش بېسىۋېلىپ سىرتقى قۇلاق يولىنى ئېتىۋېلىش، سول يۇقىرىقى بىلەك ھەم قولتۇقى بىلەن بوۋاقنىڭ كاسا ھەم پۇتىنى قىسىۋېلىپ، دۈمبىسىنى ئانىنىڭ سول ئالدى بىلىكىگە تىرەپ تۇرۇپ، باش قىسمىنى يۇيۇش دېسىغا يۆتكەش؛ ئوڭ قولىدا كىچىك لۆڭگىنى سۇدا نەمدەپ يۈز بىلەن باش قىسمىنى يۇيۇش ئارقىدىن بويۇن، قولتۇق، مەيدە، دۈمبە، ئىككى بىلەك ھەم قولىنى يۇيۇش، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈستى بەدەننى قۇرۇق مۇنچا لۆڭگىسى بىلەن يۆگىۋېلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بوۋاقنى ئۆرۈپ باش قىسمىنى جەينەك ئويۇقىغا تىرەپ، سول قول بىلەن ئىككى يوتىسىنى تۈۋىدىن تۇتۇۋېلىپ ئاستى بەدەننى يۇيۇشقا باشلىسا بولىدۇ. ئادەتتە پەقەت سۇدىلا يۇسا بولىدۇ. ئەگەر زۆرۈر بولسا بوۋاقلار سوپۇنىنى تاللاپ ئىشلىتىش، لېكىن چوقۇم سۇ بىلەن پاكىز چايقىۋېتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىكى يېتىلىپ بولغاندىن كېيىن پۈتۈن بەدەننى يۇسا بولىدۇ. كىندىك بېغى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بىر يارا ئېغىزى ئاسانلا كېسەل باكتېرىيىلىرى كىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا يۇغان ۋاقىتتا دېزىنفېكسىيىلەنگەن داكىدا ئېيتىپ سۇ يۇقتۇرماسلىق ۋە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە