UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئايروخوت سۇدىن ئايرىلىپ ماڭالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئايروخوت سۇدىن ئايرىلىپ ماڭالايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى پاراخۇت سۇدىلا ماڭالايدۇ. ئەمما ئايروخوت سۇدا كېتىۋېتىپ پۈتۈنلەي سۇدىن ئايرىلالايدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىد ئايروخوتنىڭ سۇدىن ئايرىلىپ مېڭىشىنىڭ سىرى ئۇنىڭ ئاستىدا، ئايروخوت ئاستىنىڭ تۆت ئەتراپىغا ھالقىسىمان پۈركۈش ئېغىزى قويۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى چوڭ تىپتىكى شامالدۇرغۇچ پەيدا قىلغان ھاۋا پۈركۈش ئېغىزىدىن تېز سۈرئەتتە تېشىغا پۈركۈلۈپ چىقىدۇ، سۇنىڭ توسۇشى بىلەن ھاۋا ئېقىمى ئايروخوتنىڭ ئاستىغا يىغىلىپ، يەل تاپان شەكىللەندۈرىدۇ ھەمدە يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان كۈچلۈك تىرەش كۈچى پەيدا قىلىپ، ئايروخوت گەۋدىسىنى سۇدىن ئايرىيدۇ، ئاندىن ئالدىغا قىيپاش قىلىپ سۇغا تىقىلغان پىرقىرىغۇچ ياكى ھاۋا پىرقىرىغۇچى پەيدا قىلغان ئىتتىرىش كۈچىگە تايىنىپ ئايروخوت ئالدىغا ماڭالايدۇ، ئايروخوت ماڭغاندا ھاۋانىڭ قارشىلىقى سۇنىڭ قارسىلىقىدىن كۆپ كىچىك بولغاچقا، ئايروخوت گەۋدىسى سۇدىن تۇلۇق ئايرىلىدۇ، سۇنىڭ قارشىلىق كۈچىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا ئايروخوتنىڭ سۈرئىتى ئادەتتىكى پاراخوتنىڭ سۈرئىتىدىن نەچچە ھەسسە تېز بولىدۇ. ئايروخوت قۇرۇقلۇقتىمۇ ماڭىدۇ، ئۇ قوش ئىتىدارلىق قاتناش قورالى. ئۇ قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندا ئايروخوت گەۋدىسى بىلەن يەر يۈزىدە ئوخشاشلا بىر يەل تاپان شەكىللىنىدۇ، شۇڭا مەيلى سازلىق، قۇملۇق، ئوتلاق ۋە مۇزدا بولسۇن بىمالال مېڭىۋېرىدۇ. ھازىر ھەر قايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ يولۇچى پاتىدىغان، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولغان، ئاتوم ئېنېرگىيىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئايروخوتنى پائال تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا 24 سائەتتە ياۋروپادىن تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ ئامېرىكىغا بارغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە