UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياT جەريانى قانداق بولىدۇ؟

بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياT جەريانى قانداق بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ تەپەككۇرى بىر ياشتىن كېيىن پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەپەككۇر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى تەپەككۇرى بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ بىۋاسىتە سېزىمى ئارقىلىق پەيدا بولغان تەپەككۇرىدىن ئىبارەت. بۇ ۋاقىتتىكى بالىلاردىكى تەپەككۇرى شەيئىلەرگە بولغان تەسىرات ۋە ئۆزىدىكى ھەرىكەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇلار پەقەت بىۋاسىتە سېزىم ياكى ئۇچرىغان شەيئىلەر ئارقىلىق تەپەككۇر قىلىدۇ. بىۋاسىتە سەزگۈ شەيئىلەر بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن ئايرىلىپ قالسا، ھەرىكەتتىن توختاپ قالسا، تەپەككۇرىمۇ ئۆرۈلۈپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇر چۈشەنچىسى پەقەت شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەسىلەن: رەڭ، شەكىل، چوڭ - كىچىكلىكى قاتارلىق تۈرلىرىگە ئاساسەن كەلگەن بولۇپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، خۇسۇسىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا دائىم خاتالىشىدۇ. ئۈچ ياشتىن كېيىنكى بالىلارنى ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ تۇرمۇش دائىرىسى كەڭرى بولىدۇ. ئائىلە ۋە يەسلىدىكى تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت، تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىلىم، تەجرىبە جەھەتتە ئۆزىنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بالىلارنىڭ تونۇش - قىزىقىشى كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىدۇ. سوئال سوراشقا ئامراق كېلىدۇ. قىزىققانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ تىل جەھەتتە ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۈچ ياشقا كىرگەندىن كېيىنكى بالىلارنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرى ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەپەككۇرىنى ئاساس قىلغان ئاساستا تۆۋەندىن - يۇقىرىلىقىغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. كونكرېت، سىمۋوللۇق ھالدا تەپەككۇر قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئاساسلىقى شەيئىلەرنىڭ كونكرېت سىمۋوللۇق شەكلى ياكى تەسەۋۋۇرىنى باغلاش ئارقىلىق كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار رەسىم ياكى ھەققىي شەيئىلەر ئارقىلىق شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن: ئېگىزلىكى ئوخشاش بولمىغان <ئېگىز>، <پاكار> دېگەن ئۇقۇمنى، كىتابنىڭ قېلىن - نېپىزلىكىگە ئاساسەن <قېلىن، نېپىز> دېگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىۋالىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي شەيئىلەر ياكى رەسىمدىن ئايرىلسا ئېغىز ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇلار نېمىنى <ئېگىز، پاكار، قېلىن، نېپىز> دەپ ئاتىسا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز. شۇڭا، بۇ مەزگىلدە چوڭلار رەسىملەر توپلىمىدىن، رەسىمدىن ۋە ھەقىقىي شەيئىلەردىن پايدىلىنىپ، ئاددىي بولغان قائىدىلەرنى چۈشەندۈرسە، ئۇلار قوبۇل قىلالايدۇ ۋە چۈشىنەلەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە