UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى تورمۇزلىغاندا ئاۋۋال ئالدى چاقنى تورمۇزلاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى تورمۇزلىغاندا ئاۋۋال ئالدى چاقنى تورمۇزلاش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئەگەر سەللا دىققەت قىلساق، ئاپتوموبىلنى تورمۇزلىغاندا ئالدى بىلەن ئارقا چاقنى تورمۇزلاش كېرەكلىكىنى بايقايمىز. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى ئاساسلىقى ئارقا قىسمىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. ئېغىرلىق قانچە چوڭ بولسا چاق بىلەن يەرنىڭ چاپلىشىش كۈچى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ تارتىش كۈچىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، لايىھىلىگۈچىلەر ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا چاقىنى قوزغىتىش چاقى قىلىپ لايىھىلىگەن. ئارقا چاق بىر تال ئۇزۇن ھەرىكەت ئۇزىتىش ئوقى ئارقىلىق ماتور بىلەن بىۋاستە تۇتاشتۇرۇلغان. شوپۇر ماتورنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن ماتور ئارقا چاقنى ئايلاندۇرىدۇ، ئالدى چاقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ئالدى چاق رول بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يۆنىلىشنى تەڭشەش ۋە ئاپتوموبىلنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش. ئەگەر ئالدى چاق قوزغىتىش چاقى بولسا ئاپتوموبىل جىددى ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ ئۇنى دەرھال توختاتقاندا ئاۋۋال ئالدى چاقنى تورمۇزلاش كېرەك. لېكىن، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. چۈنكى، ئالدى چاق توختىغان تەقدىردىمۇ ئارقا چاق يەنىلا ئايلىنىدۇ، ئۇ ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى ئالدىغا ئېتىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئالدى چاق تورمۇزلانسا ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ داۋاملىق ئالدىغا مېڭىشىنى توسىدۇ، كەينى چاق پەيدا قىلغان ئالدىغا ئېتىلىش كۈچى ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ كەينى يېرىمىنى يۇقىرىغا قاڭقىتىشى ھەتتا ئاپتوموبىلنى ئۆرۈۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر كەينى چاق قوزغىتىش چاقى بولسا ئالدى بىلەن كەينى چاقنى تورمۇزلاش كېرەك، كەينى چاق ئايلىنىشتىن توختىسا ئالدى چاقنى توختاشقا مەجبۇرلايدۇ، ئالدى چاقنىڭ ئالدىغا ئېتىلىش ئىنېرتسىيىسى ئاپتوموبىل گەۋدىسىنى ئالدىغا ئۆرۈۋېتەلمەيدۇ. ئاپتوموبىلنى تورمۇزلاش قائىدىسىنى بىلىۋالدىڭىز، ۋېلىپسىت مىنگەن چېغىڭىزدا ناۋادا جىددىي تورمۇزلاشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئارقا چاقنى تورمۇزلاشنى ئۇنتۇماڭ، سۈرئەت ئاستىلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئالدى چاقنى تورمۇزلاڭ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى تورمۇزلىغاندا ئاۋۋال ئالدى چاقنى تورمۇزلاش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki