قۇشلار كۈلەلەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھايۋانلار ئىچىدە قۇشلار ناخشا ئېيتالايدۇ. قۇشلار توپلانغانلىكى جانلاردا ئۇلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. جىگدىچى بىلەن شاتۇتى تېخى ئىنسانلارنى دوراپ گەپ قىلالايدۇ. بىراق، سىز كۈلەيدىغان قۇشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟
ئاۋسترالىيىدە كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل قۇش بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى ئادەمنىڭ كۈلگەن ئاۋازىغا ناھايىتى ئاۋازىغا ناھايىتى ئوخشىشىدۇ. شۇڭا، ئۇ «كۈلگۈنچەك قۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سايرىغاندا ئاۋازى دەسلەپتە بوش، كېيىن بارغانچە جاراڭلىق ئاڭلىنىدۇ، شۇ تەرىقىدە يېرىم مىنۇتتىن كۆپرەك سايرىيالايدۇ. بىر قۇش سايرىسا باشقا قۇشلارمۇ ئۇنىڭغا جور بولۇپ سايرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەممىسى بەس - بەستە توختىماي سايرىشىپ ئەتراپتىن چاڭ چىقىرىۋېتىدۇ، بۇ كىشىگە ئىنتايىن قىزىقارلىق بىلىنىدۇ.
كۈلگۈنچەك قۇش چايكىغا قارىغاندا چوڭراق، لېكىن چايكىدىن چىرايلىق. ئۇنىڭ ئېغىزى قىزىل، پەنجىلىرى سېرىق كېلىدۇ. پۈتۈن بەدىنى ئاق، كۆك، كۈمۈش رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان.
جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيىنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا ياشايدىغان قوڭغۇراق قۇشقاچ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇش بار. ھەر يىلى يازدا تومۇز ئىسسىق بولۇپ ئورمانلىقتا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈگەندە، ئاۋاز يېقىملىق، پەيلىرى گۈزەل بۇ قۇش خۇشال ھالدا كۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ كۈلكىسى جاراڭلىق ھەم ياڭراق بولۇپ، خۇددى قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدەك ئۇزاققىچە ئۈزۈلمەيدۇ. كىشىلەر ھەتتا 2000 - 3000 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ بۇ خىل قۇشنىڭ يېقىملىق كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ.