UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن كۈنمىڭ <باھار شەھىرى> دەپ ئاتىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۈنمىڭ <باھار شەھىرى> دەپ ئاتىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۈنمىڭنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇ يەرنىڭ تۆت پەسىللىك كىلىماتى ئىللىق، راھەت، ھۆل - يېغىن كۆپ بولۇپ، ئەزەلدىن كىشىلەر تەرىپىدىن <باھار شەھىرى> دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. كۈنمىڭنىڭ ئىللىق كىلىماتى ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۈنمىڭ شەھىرى يۈننەن - گۇيجۇ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 2000 مېتىرغا يېقىن ئېگىز، مانا بۇ ياز پەسلىدە كۈنمىڭنىڭ بىر قەدەر سالقىن بولىدىغانلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى، بۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى ياز پەسلىدە كۈنمىڭ ھىندى ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىن كېلىدىغان پەسىل شامىلىنىڭ سوقۇشىغا ئۇچرايدۇ، شامال بىلەن نۇرغۇن سۇ پارلىرى بىرگە كېلىپ، ھۆل - يېغىن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، كۈنمىڭنىڭ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كۈنمىڭنىڭ 7 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ، 22 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدىغان ھاۋارايى يىل بويى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاران يەتتە - سەككىز كۈن بولىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىمۇ ئارانلا 31.5 سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۈنمىڭنىڭ ياز پەسلى ھەقىقەتەن ناھايىتى سالقىن. قىش كۈنى، كۈنمىڭ شەھىرى جايلاشقان ئورنىنىڭ پاراللېل ئېگىزلىكى يۇقىرى بولمىغاچقا، بىر قەدەر كۈچلۈك قۇياش رادىئاتسىيىسىگە ئۇچراپلا قالماستىن، يەنە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىن كېلىدىغان قۇرغاق ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ، ھاۋا ئالاھىدە ئوچۇق بولىدۇ. كۈنمىڭنىڭ شىمالىدا يەنە بەزى ئېگىز تاغلار بولۇپ شىمالىدىن جەنۇبقا كېلىدىغان سوغۇق ھاۋانى توسۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەھرىتان قىش پەسلىدىمۇ كۈنمىڭنىڭ سەھەردىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆل سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. چۈش مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ 15 - 17 سېلسىيە گرادۇسقا چىقىدۇ، ئادەم قىلچىمۇ سوغۇق ھېس قىلمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى يەرنى قېلىن مۇز تۇتۇپ، قار قاپلىغان چاغدا، كۈنمىڭنىڭ ھەر يىلى 1 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8 سېلسىيە گرادۇس بولۇپ، كىلىمات خۇددى باھاردەك ئىللىق بولىدۇ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ كېتىدۇ. باھار شەھىرىنىڭ گۈزەل نامى ھەقىقەتەن بىكاردىن تارقالمىغان!
← بارلىق تېمىلار نەمە