UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقايسى جاي ئارقىلىق ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئەڭ ئوچۇق ئاڭلىغىلى بولىدۇ؟

قايسى جاي ئارقىلىق ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئەڭ ئوچۇق ئاڭلىغىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشى — ھامىلىنىڭ يۈرەك سوققان چاغدىكى ئاۋازىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بالىياتقۇ ئىچىدىكى ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئادەتتە ھامىلىدار بولۇپ 18 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغان جەرياندا تىڭشىغۇچ ئارقىلىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقىنى تەكشۈرۈپ، ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. دوپلېر ھامىلە يۈرىكىنى تىڭشاش ئەسۋابى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ھامىلىدار بولۇپ 12 ھەپتە ئەتراپىدا يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. يۈرەك تىۋىشى قوش تىۋىشلىق بولىدۇ، بىرىنچى تىۋىش بىلەن ئىككىنچى تىۋىشنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، خۇددى سائەتنىڭ <چىك - چاك> قىلغان ئاۋازىغا ئوخشايدۇ. سۈرئىتى بەك تېز، ھەربىر مىنۇتتا 120 قېتىمدىن 160 قېتىمغىچە بولىدۇ. ھامىلىدار بولۇپ 24 ھەپتىدىن كېيىن، ھامىلىنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ھامىلىنىڭ دۈمبە يان قىسمىدىن ئەڭ ئېنىق ئاڭلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا ھامىلىنىڭ باش قىسمى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كىندىكىنىڭ ئاستىنىڭ ئوڭ ياكى سول قىسمىغا(ھامىلە دۈمبىسىنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساسەن) جايلاشقاندا، ئەڭ ئېنىق ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ھامىلىنىڭ ساغرىسى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كىندىكىنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ سەل ئوڭ ياكى سەل سول قىسمىدا بولسا ئەڭ ئوچۇق ئاڭلىغىلى بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە