ھامىلىدار مەزگىلدە تاماكا چەكسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىدار مەزگىلدە تاماكا چەكسە ناھايىتى زىيانلىق، ئېنىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تاماكا چېكىدىغان ئاياللار تۇغقان بوۋاقلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا يېنىك تۇغۇلغان، تاماكا چېكىدىغان ھامىلىدار ئاياللار بىلەن تاماكا چەكمەيدىغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تۇغقان بالىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا 200 گرام پەرق بار شۇنداقلا قانچە كۆپ تاماكا چەككەنسېرى، بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنچە تېز بولىدۇ. تاماكىنىڭ تەركىبىدە نىكوتىن، تاماكا كوكىسى قاتارلىق خىلمۇخىل زىيانلىق ماددىلار بار بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار تاماكا چەكسە، زىيانلىق ماددىلار بالىياتقۇ بوينى ۋە بالا ھەمراھى قان تومۇرلىرىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قاننىڭ ئايلىنىش مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئازلاپ، ھامىلە بالىياتقۇ بوينىدىن يېتەرلىك ئوكسېگىن ۋە ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، بالدۇر بويىدىن ئاجراش ۋە ھامىلىنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىقىدۇ. ساغلام بوۋاق تۇغۇش ئۈچۈن تاماكىنى ئۈزۈل - كېسىل چەكلەش كېرەك.