تېرىپ (تىكىپ) ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر نەدىن كەلگەن؟
نېمە ئۈچۈن
تېرىپ (تىكىپ) ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئىككى خىل مەنبەدىن كەلگەن: بىرى، ياۋايى ئۆسۈملۈكلەر يۆتكەپ تېرىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈككە ئايلاندۇرۇلغان؛ يەنە بىرى، سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇلاش ياكى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان.
شالنى مىسالغا ئالساق، ئۇ ياۋايى شالدىن يېتىشتۈرۈلگەن. ياۋايى شالنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، سۈپىتى ناچار بولغانلىقتىن، كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يېتىشتۈرۈشى، جۈملىدىن شالغۇتلاشتۇرۇش، رادىئاتسىيىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشى ئارقىلىق، ئاخىر سۈپىتى ياخشى، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولغان تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان شالنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئېلىمىز 6000 يىلدىن كۆپرەك شال ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، خەينەن ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى دەريا جىلغىلىرىنىڭ ياقىلىرىدا ياۋايى شالنى يەنىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان تونۇشى ھەرگىز بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، بەزىدە ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. پەمىدۇرنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ ئەسلىي يۇرتى پىرۇنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقى ئارىسى بولۇپ، دەسلەپتە كىشىلەر ئۇنى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە ئۆستۈرۈپ، ھېچكىم يېيىشكە پېتىنالمىغان. ⅥⅩ ئەسىرگە كەلگەندە، بىر كىشى ئۇنى ئەنگلىيىگە ئېلىپ بېرىپ ئايال پادىشاھ ئېلزابىتقا تەقدىم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياۋروپادا ھويلا - ئاراملاردا ياكى باغچىلەردە ئاندا - ساندا مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىپ ئۆستۈرۈلگەن. ⅧⅩ ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن فرانسىيىلىك بر رەسسام پەمىدۇرنىڭ قىپقىزىل مېۋىسىنى كۆرۈپ، ئاغزىغا سېرىقسۇ كېلىپ، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ بىر تال يەپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ تاتلىق چۈچۈمەل، تەمىنىڭ ئېسىل ئىكەنلىكىنى سەزگەن. بۇ ئىش مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پەمىدۇرنى سۈنئىي ئۆستۈرۈش ياۋروپادا ئەۋج ئالغان.
بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، مەسىلەن، ئالما، ياڭاق، كاۋچوك دەرىخى، قەھۋە قاتارلىقلارنىڭ ياۋايى تۈرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەسلىي چىققان جايلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتقان سورتلىرى پۈتۈنلەي كۆندۈرۈپ يېتىشتۈرۈش، ئۇلاش ياكى شالغۇتلاشتۇرۇش جەرينلىرى ئارقىلىق قولغان كەلگەن.