بالىلار نېمىشقا شورپا ياكى قايناق سۇ قۇيۇلغان گاڭپەننى كۆپ يېسە بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاتا - ئانىلار تاماق ۋاقتىدا بالىسىنى تېزراق تاماق يېگۈزۈش ۋە ئوڭاي ھەزىم بولۇشى ئۈچۈن، گۈرۈچ ئاشنىڭ ئۈستىگە بىر ئاز شورپا ياكى قايناق سۇ قۇيۇپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئىلمىي ئەمەس، چۈنكى شورپا ياكى قايناق سۇ قۇيۇلغان گاڭپەن ئېغىزدا تولۇق چاينالماي، شورپا بىلەن بىرلىكتە كىرىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولسا ئاشقازاننىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپلا قالماستىن، بەلكى ئارتۇق شورپا ۋە قايناق سۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت بۇ خىل تاماقنى يېسە، ئاشقازان كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ھەرگىز بۇ خىل تاماقنى بېرىپ، بالىلارنى ئادەتلەندۈرۈپ قويماسلىقى، تاماق ۋاقتىدا بالىلارنى ئالدىراتماسلىقى، بالىلاردا تاماقنى ئوبدان چايناش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.