بالا ئېمىتىشنىڭ روھىي كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاياللار بىرىنچى قېتىم ئانا بولغاندا جىددىيلىك ۋە خۇشاللىق ئىچىدە تەشۋىشلىنىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىش ئانا ۋە بالىلارغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي يېڭى كەچۈرمىش، ئەمەلىيەتتە بالىنى ئەمگۈزۈش بولسا ئاياللارنىڭ يېڭى مېتابولىزمىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تۇخۇم ئاجرىتىش، ھەيز كېلىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا بىر ئىش بولۇپ، بۇنى تونۇپ يەتكەن ئانىلار كەيپىياتنى تەڭشىيەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالا ئېمىتىش ئانىنىڭ خۇشاللىق بىلەن قىلىدىغان ئىشىغا ئايلىنىدۇ ۋە ئانىنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بالىنى ئېمىتىش ھەرىكىتى ئانا تېنىدىكى ھورمۇنلار ئۈچۈن پايدىلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئانىغا نىسبەتەن كۆڭۈللۈك، خۇشاللىنارلىق كەچۈرمىش بولۇپ قالىدۇ. بەدىنىدىكى قوزغاتقۇچى ئېلېمېنتلارمۇ ئانىنى راھەت، تىنچ ھېس قىلدۇرۇپ، كەيپىياتنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.