چوكا ئىشلىتىش بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەمدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
چوكا ئىشلىتىش بولسا بالىلارنىڭ نازۇك ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەن بىر خىل ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىسى. چوكا ئىشلىتىش بولسا، بىر خىل مۇرەككەپ ھەم نازۇك بولغان قول ھەرىكىتى بولۇپ، چوقۇم كۈچەش مۇۋاپىق بولغاندا ۋە ھەرىكەت ماسلاشقاندىلا ئاندىن تاماقنى قىسىپ تۇتقىلى بولىدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چوكا بىلەن يېمەكلىكنى قىسقاندا، مۈرە، بىلەك، قول ئالىقىنى، بارماق قاتارلىق 30 دىن كۆپرەك چوڭ - كىچىك بوغۇملار ۋە 50 تىن كۆپرەك مۇسكۇللار ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى ۋە قول بارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نېرۋىلىرىنىڭ ئىگىلەيدىغان كۆلىمى ئەڭ كەڭ بولۇپ، باش بارماقنىڭ ھەرىكەت رايونى يوتىنىڭ ھەرىكەت رايونىنىڭ ئون ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قول ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ئىرماش - چىرماش مۇناسىۋىتى بار. داڭلىق پېداگوك سوخومۇلىنىسكى مۇنداق دېگەن <بالىلارنىڭ ئەقىل - پاراستى قول بارمىقى ئۈستىدە>.
ئەقىللىق، زېرەك، ئەقىل جەھەتتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان بالىنى تەربىيىلەشتە چوقۇم بالىلارنىڭ بارماقلىرىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك. چۈنكى قول بارماقلىرىنىڭ ھەرىكىتى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ھەرىكەت رايونىنى غىدىقلاپ، خىلمۇخىل ئالاھىدىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاكتىپ بولغان يېڭىلىق يارىتىش رايونىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
قول زەمىگىنى بىرلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە، بالىلار تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ چىۋەر بولىدۇ. بالىلارنىڭ چوكا ئىشلىتىشى ئاتا - ئانىسىنى دوراش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار چوقۇم چوكىنى توغرا ئىشلىتىشى كېرەك ھەم چوكا ئارقىلىق بالىغا قۇلايلىق ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىش كېرەك.
سىزگە بالىڭىز ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان بىر توپنى سېتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى توپ دومىلىيالايدىغان، ئېلاستىكلىقى بار <ھەرىكەت ھالىتى> دىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، بالىنىڭ قىزىقىش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش ياش ئالاھىدىلىكىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئاساسەن ھەربىر بالا دېگۈدەك توپقا ئامراق كېلىدۇ. بىراق، بالا دائىم توپ ئوينىغاندا كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋېتىدۇ. چىلىق - چىلىق تەرلەپ كېتىدۇ. بەزىدە تېرىسى زەخىملىنىدۇ، قان چىقىدۇ … مانا مۇشۇلار سەۋەبلىك ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ توپ ئوينىشىنى خالىمايدۇ ياكى بالىغا توپ ئېلىپ بەرمەيدۇ. بەزىدە ئېلىپ بەرگەن توپنى بالىنىڭ خۇشاللىق بىلەن ئوينىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. بەزى ئائىلە باشلىقلىرى ھەتتا بالىغا توپ ئويناتقاندىن ھېكايە ئېيتىپ بەرگەن ياخشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، توپ ئويناشنىڭ بالىنىڭ ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بەدەننى چېنىقتۇرۇش قاتارلىق رولى بولۇپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان <كاتالىزاتورلۇق تەم تەڭشىگۈچ>. توپ ئويناشنىڭ بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشقا پايدىلىق بولغان ئىپادىسى:
1. بالىلارنىڭ سەزگۈلىرىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. توپ ئويناش جەريانىدا تېگىش سېزىمى ئارقىلىق، بالىلار ھەقىقىي ھالدا <توپ ئېلاستىكىلىققا ئىگە دومىلىيالايدىغان نەرسە> ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. <توپنى يېنىك ئۇرسا پەسرەك سەكرەيدىغانلىقىنى> چۈشىنىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ سەزگۈ ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەم شۇنداقلا توپ ئوينىغاندا، ئۇرۇش، تاشلاش، تۇتۇۋېلىش، تېپىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە قول ۋە كۆز ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا، توپ ئويناش بالىلارنىڭ پۇت - قول ھەرىكىتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى، ماسلىشىشچانلىقىنى، چاققانلىقىنى چېنىقتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رولغا ئىگە.
2. بالىلارنىڭ بىلىش تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، بالىلارنىڭ ئوڭ، سول مېڭىسىنى ئېچىشقا پايدىلىق. بالىلارنىڭ تونۇشى، بىلىشى كونكرېت ئوبرازچانلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. مەسىلەن: تۆت ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان بىر بالا توپ ئوينىغاندا، بىر تەرەپتىن توپنى ئۇرۇپ، بىر تەرەپتىن سانايدۇ. بۇ ساننىڭ ئەمەلىي مەنىسىنى چۈشىنىشكە پايدىلىق. توپ تېپىش ئارقىلىق ئۇ تېخىمۇ ئوبرازلىق ھالدا يىراق - يېقىن، ئوڭ - سول، ئالدى - كەينى، ئېغىر - يېنىك دېگەندەك ئۇقۇملارنى بىلىۋالالايدۇ. ئالتە ياشلىق بىر بالا توپ ئوينىغاندا، توپ ئويناشتىكى خىلمۇخىل ئۇسۇلغا نىسبەتەن ئىزدىنىش قىزىقىشى پەيدا بولىدۇ. ئوڭ - سول قولى ئارقىلىق توپنى ئۇرۇپ باقىدۇ. تېز سۈرئەتتە ئۇرۇشنى مەشىق قىلىپ باقىدۇ. توپ تىقىش ئويۇنى ئوينايدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئوڭ - سول مېڭىسىنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە ئېچىلىشىغا پايدىلىق. بالىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.
3. بالىلاردا شوخ، ئوچۇق - يورۇق مىجەزىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. توپ ئوينىغاندا بالىلار ساغلاملىق ھەرىكىتى ئارقىلىق ھېسسىيات جەھەتتىكى دەرت - ئەلىمىنى چىقىرىدۇ. كەيپىيات جەھەتتە باشتىن - ئاخىر ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولىدۇ.