يەتتە كۈنلۈك قېتىشىش< دېگەن قانداق ئىش؟
نېمە ئۈچۈن
بۇ كېسەللىك ئادەتتە تۇغۇلۇپ يەتتە كۈندە كۆرۈلىدىغان بولغاچقا خەلق ئارىسىدا <يەتتە كۈنلۈك قېتىشىش> دەپ ئاتالغان. <يەتتە كۈنلۈك قېتىشىش> بالا تۇغۇلغاندا تېتانۇس تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ؛ تېبابەتتە <يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېتانۇسى> دېيىلىدۇ؛ تېتانۇس تاياقچە باكتېرىيىسى بىر خىل <ئوكسىگېندىن قاچىدىغان باكتېرىيە> بولۇپ، پەقەت ئوكسىگېن كەمچىل شارائىتتا ئۆسۈپ كۆپىيەلەيدۇ. لېكىن تېرە يارا ئېغىزى چوڭقۇر بولۇپ قالسا، باكتېرىيە چوڭقۇر ئوكسىگېنسىز قاتلامدا، زور مىقداردا كۆپىيىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر تۇغدۇرغاندا پاكىز بولمىغان قايچىدا كىندىك كەسكەندە ياكى مەينەت لاتا بىلەن كىندىكنىڭ كېسىلىپ قالغان قىسمىنى تاڭغاندىمۇ تېتانۇس تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. ئادەتتە تېتانۇس تاياقچە باكتېرىيىسى قانغا ئۆتكەندە ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. تۆت كۈندىن سەككىز كۈنگىچە يوشۇرۇن مەزگىلى بولىدۇ. شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا تۇغۇلۇپ يەتتە كۈندە ئالامىتى كۆرۈلىدىغانلار كۆپرەك. شۇڭا <يەتتە كۈنلۈك قېتىشىش> دېگەن ئىسىم بارلىققا كەلگەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تېتانۇس بولسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشقا بەك دىققەت قىلىش كېرەك. دوختۇرخانىدا بوشىنىش ئەڭ بىخەتەر، ئەگەر دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئۈلگۈرمىگەنلەر ئوتقا قاقلاپ قىزارتىلغان قايچىنى سوۋۇتۇپ ئاندىن كىندىك كېسىش، كىندىكنى تاڭماقچى بولغان لاتا، يىپلارنى قايناق سۇدا بىر سائەت قاينىتىپ ياكى يۇقىرى بېسىملىق سۇ پارىدا بەش مىنۇت تۇرغۇزۇپ ئاندىن تېڭىش، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ تېتانۇس ئانتىتوكسىنى ئۇرغۇزۇپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كىندىك قىسمىدا يىرىڭلىق يۇقۇملىنىش بولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.