نېمە ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەر سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ياز كۈنلىرى ئەتىگەنلىكى دالىلاردا نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق ئۇچلىرىدىن خۇددى ئادەمنىڭ كۆز يېشىدەك تامچە - تامچە سۇ ئۈنچىلىرىنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىۋاتقانلىقىدۇر.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىرگە ئايانكى، ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىنىڭ گىرۋەكلىرىدە ياكى يوپۇرماق ئۇچىدا نۇرغۇن سۇ تۆشۈكچىلىرى بولىدۇ. بۇ سۇ تۆشۈكچىلىرى ئۆسۈملۈك تېنىدىكى سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنى توشۇيدىغان ئۆتكۈزگۈچ نەيچىلەر بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئۆسۈملۈك سۇ تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق سۇلارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە چىقىرىپ تۇرىدۇ. سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى تۆۋەن بولغان ۋاقىتتا، سۇ تۆشۈكچىلىرىدىن چىقىرىلغان سۇلار ناھايىتى تېزلا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئادەتتە يوپۇرماق ئۇچىدىن تامچىپ چۈشۈۋاتقان سۇ تامچىلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. لېكىن سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن نەملىك يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا يىلتىزىنىڭ سۈمۈرۈش رولىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، نەملىكنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشىمۇ سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى توسۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكنىڭ تېنىدىكى سۇ، سۇ تۆشۈكچىلىرىدىن ئېقىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەردە بۇنىڭ ئىپادىسى روشەن بولمايدۇ، لېكىن دانلىق زىرائەت ئۆسۈملۈكلىرىدە، ئالايلۇق، شال، بۇغداي، كۆممىقوناقلاردا بۇ خىل ئەھۋال دائىم ئۇچرايدۇ، سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىش ھادىسىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدىغان ئۆسۈملۈك تارۇ بولۇپ، سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يوپۇرماق ئۇچىدىن مىنۇتىغا 190 نەچچە تامچە سۇ ئېقىپ چىقىپ، بىر كېچىدە 10 - 100 مىللىلىتىر سۇ ئېقىپ چىقىدۇ!