UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقنىڭ پۇت - قولىنى قانداق ئۇۋۇلاپ بېرىشكېرەك؟

بوۋاقنىڭ پۇت - قولىنى قانداق ئۇۋۇلاپ بېرىشكېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقنىڭ پۇت - قولىنى ئۇۋۇلاشنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە: 1. بوۋاقنىڭ قولىنى ئۇۋۇلاشتا ئانا ئىككى قولى بىلەن ئايرىم - ئايرىم بوۋاقنىڭ ئوڭ، سول بىلىكىنى تۈۋىدىن تۇتۇپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بېغىشىغىچە ئاستا بېسىپ سىيلاپ بېرىش، مۇشۇ ئۇسۇلدا بىر نەچچە قېتىم تەكرار داۋاملاشتۇرۇش. 2. بوۋاقنىڭ بارماقلىرىنى ئۇۋۇلاشتا، ئانا بىر قولى بىلەن بوۋاق قولىنىڭ دۈمبىسىنى يەڭگىل تىرەپ، ئالىقىنىنى يۇقىرىغا قارىتىپ، ئاندىن يەنە بىر قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە بېگىز بارمىقى بىلەن بوۋاقنىڭ بارمىقىنىڭ تۈۋىدىن ئۇچىغىچە بوش بېسىپ ھەربىر بارمىقىنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۇۋۇلاپ بېرىش. 3. قولىنىڭ دۈمبىسى ۋە ئالىقىنىنى ئۇۋۇلاشتا، ئانا باش بارمىقىنى بوۋاقنىڭ ئالقىنىغا قويۇپ، قالغان تۆت بارمىقىنى جۈپلەپ بوۋاق قولىنىڭ دۈمبىسىگە قويۇپ، قولىنىڭ بېغىشىدىن بارماقنىڭ تۈۋىگىچە قولىنىڭ دۈمبىسى ۋە ئالىقىنىنى ئۇۋۇلاپ بېرىش. 4. بوۋاقنىڭ پاچاق ۋە پۇتلىرىنى ئۇۋۇلاشتا يۇقىرىقى ئۇسۇلغا ئاساسەن مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە