قانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئۈچۈنياخشى تۇرمۇش مۇھىتى ياراتقىلىبولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇراقلىق تېمپېراتۇرا، بىخەتەر، غەم - ئەندىشىسىز ئانا تېنىدىن يېڭى دۇنياغا كەلگەندە مۇھىتتىكى زور ئۆزگىرىشىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلىشەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىدە ئامالىنىڭ بارىچە بوۋاق ئۈچۈن ياخشى بىر تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش يەنى ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى 28℃ ~ 25℃ دا ساقلاش، تومۇز ئىسسىقتا مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش، قىشتا بولسا ئىسسىقلىق ساقلاش؛ نەملىك دەرىجىسىنى 60% ~ 50% تە كونترول قىلىش، بەك قۇرغاق بولۇپ كەتمەسلىك ھەم بەك نەم بولۇپ كەتمەسلىك؛ ھۇجرىنىڭ ھاۋاسى ساپ بولۇش، كۆپ شامالدىتىپ تۇرۇش، بىر كۈندە ئاز بولغاندىمۇ ئەتىگەندە، كەچتە ئىككى قېتىم شامالدىتىپ تۇرۇش، لېكىن ئۆتۈشمە شامال بولماسلىق؛ قىشتا شامالداتقاندا ئىسسىقلىق ساقلاپ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بار ئۆيدە تاماكا چېكىشنى چەكلەش؛ ئۆي ئىچى بەك يورۇق بولۇپ كەتمەسلىك، كۈچلۈك نۇرنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۆزىگە بىۋاسىتە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە نۇر بەك تۇتۇق بولۇپ كەتمەسلىك، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئاستا - ئاستا تەبىئىي يورۇقلۇققا كۆندۈرۈش كېرەك. ئۆي ئىچى تىنچلىقىنى ساقلاش. بەك يۇقىرى ئاۋاز يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم ئاسان چۆچۈيدۇ، ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىقنى ساقلاش، كېسەللىك باكتېرىيىسىنىڭ ھايات مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.