UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدار ئاياللار كىر يۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ھامىلىدار ئاياللار كىر يۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدار ئاياللار كىر يۇغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. بەك سوغۇق سۇدا يۇماسلىق، سۇنى مۇۋاپىق ئىسسىتىۋېتىش؛ 2. كىر يۇغاندىكى قىياپىتى دۇرۇس بولۇشى، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ھامىلىنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويماسلىقى، قاننىڭ ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى؛ 3. كىر يۇغاندا كۈچەپ يۇماسلىقى، كىر تاختىسىنى قورسىقىغا تىرەپ يۇيۇپ، ھامىلىگە بېسىم چۈشۈرۈپ قويماسلىق؛ 4. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىر يۇغاندا سوپۇن پاراشوكى ئىشلەتمەسلىك. سوپۇن پاراشوكىدىكى خىمىيىۋىلىك تەركىبلەرنىڭ تۇخۇمغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ 5. كىر يايغاندىكى ھەرىكەت سىلىق بولۇش، بەلنى سوزماسلىقى، كىر يايىدىغان ئارغامچا تۆۋەنرەك بولۇشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ھامىلىدار ئاياللار كىر يۇغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki