UyghurWiki
UyghurWikiنەمەباشقۇرۇلىدىغان سنارەدنى سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىشكە بولامدۇ؟

باشقۇرۇلىدىغان سنارەدنى سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىشكە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن 1960 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، تەخمىنەن ئون توننا ئېغىرلىقتىكى بىر دانە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ <ۋاشىنگتون> ناملىق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ، ئۇپۇققا ئېتىلدى. بۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم سۇ ئاستى پاراخوتىدا سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىلەەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېڭى بىر سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. سۇ ئاستىدىن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش شۇنچە مۇھىممۇ؟ چۈنكى، قۇرۇقلۇقتىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قۇيۇپ بېرىش بازىسى ئادەتتە مۇقىم بولىدۇ، بۇ بىر جەھەتتىن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسىنى چەكلەپ قويسا، يەنە بىر جەھەتتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئاسان ئۇچرايدۇ. ئەمما سۇ ئاستىدا چارلاپ يۈرىدىغان ۋە يوشۇرۇنىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئورنى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىر نەچچە ئايغىچە سۇ يۈزىگە چىقمايمۇ يۈرىۋېرىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدىن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىپ، دۈشمەننىڭ پاراخوت، ئايروپىلانلىرى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلسا، تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىش ئاسان ئەمەس. چۈنكى نەچچە ئون مېتىر سۇ ئاستىدا، دېڭىز سۈيىنىڭ بېسىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش ئاپپاراتىنىڭ قاپقىقىنى ئاچقاندا، يۇقىرى بېسىملىق گازدىن پايدىلىنىپ قويۇپ بېىش ئاپپاراتىنىڭ ئىچىدىكى بېسىمىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا، دېڭىز سۈيىنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن، بىر قىسىم دېڭىز سۈيىنى قاچىلاپ ئېغىرلىقىنى تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە، سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سۇ يۈزىدىن تىك ئېتىلىپ چىقىدۇ، بەزى سۇ ئاستى پاراخوتلىرى تور پېدا قويۇپ بېرىش تۇرۇبىسىدىن پايدىلىنىپمۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىدۇ. سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئاۋۋال باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاچىلانغان قۇرۇلمىنى ئېتىپ چىقىرىدۇ. بۇ قۇرۇلمىدا ماتور بولۇپ، ئۇ سۇ ئاستىدا مەلۇم ئارىلىققىچە يۈرگەندىن كېيىن، 45 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ سۇ يۈزىگە چىقىدۇ ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىدۇ، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئۆزىدىكى راكېتا ماتورىغا تاينىپ ئۇچىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە