كالا سۈتى قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قويۇق كالا سۈتى دېگىنىمىز، سۈت پاراشوكىنى تەڭشەش جەريانىدا سۇنى ئاز قوشۇش ياكى ساپ كالا سۈتىگە سۈت پاراشوكى قوشۇشتىن قويۇقلۇقى نورمال نىسبەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قويۇق كالا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى بوۋاقلار ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كۆتۈرۈش مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، ھەزىم قىلالمايلا قالماستىن، يەنە بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشى، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت، ئىشتىھاسىزلىق ھەتتا تاماق يېمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل قويۇق كالا سۈتى ئىستېمال قىلغاندا، ئېغىر بولغاندا جىددىي خاراكتېرلىك قاناش خاراكتېرلىك ئىنچىكە ئۈچەي ياللۇغى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىدا سۈت پاراشوكى (ياكى كالا سۈتى) نىڭ سۈپىتىگە ئاساسەن، بوۋاقنىڭ يېشىغا قاراپ تەڭشەپ بېرىش كېرەك. ھەرگىزمۇ كالا سۈتى قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ.