نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ بەزى تاماقلارغا بولغان ئىشتىھاسى ياخشى بولمايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار ئىككى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ بالىلار مەلۇم بىرخىل يېمەكلىكتىن بىزار بولۇپ قالىدۇ، مەلۇم بىرخىل يېمەكلىككە ئامراق بولۇپ، باشقا يېمەكلىكلەرنى يېمەيدىغان، ھەتتا ئۇ خىل يېمەكلىكتىن بىزار بولىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە: پەقەت گۆشنىلا يەپ، باشقا گۈرۈچ تامىقى ۋە كۆكتاتلارنى يېمەيدۇ، بالىلارنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى:
1. ئاتا - ئانىنىڭ تەسىرى. بۇ بالىلارنىڭ قىسمەن تاماقنى يېگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى. بەزى ئاتا - ئانىلارنىڭ دەل مۇشۇنداق ئادىتى بولغاچقا، دائىم بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇنى - بۇنى ئىلغايدۇ، بالىلارمۇ بۇ خىل ناچار ئادەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا، ئىختىيارسىزلا بۇ خىل ئادەتنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ.
2. ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىش. ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆستى، يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىمۇ بارغانسېرى مول بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپلىگەن بالىلار يالغۇز بالا بولغاچقا، نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىدۇ، بۇ خىل ئادەت ناھايىتى تېزلا بالىدا قىسمەن تاماقنى يېمەيدىغان، تاماق تاللايدىغان ئادەتنى پەيدا قىلىدۇ.
3. تاماق تۈرى زىيادە ئاددىي بولۇش. بەزى ياش ئاتا - ئانىلار تاماق ئېتىشنى بىلمىگەچكە ياكى خىزمىتى ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن، دائىم بىرقانچە خىل قورۇما قىلىپ بالىلارغا بېرىدۇ. بالىلار بۇ خىل تاماقتىن بىزار بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر ئادەتلىنىپ قالسا، قىسمەن تاماقتىن بىزار بولۇش، تاماق تاللاش ئادىتى پەيدا بولۇپ قالىدۇ.