قىلغاندا سۈتنى تېخىمۇ كۆپەيتكىلى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى ئانىلاردا سۈت ئاز كېلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت، گەرچە بەزى ئانىلار بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇسۇل ئارقىلىق بالىسىنىڭ تويغان - تويمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسىمۇ، بىراق ئۆزلىرىنىڭ سۈتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ چىقىپ، بالىسىنىڭ تېخىمۇ ساغلام چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. سۈتنىڭ كۆپ چىقىشى ئۈچۈن بالا كۆپ ئېمىپ، سۈت بەزلىرىنىڭ غىدىقلىنىشىنى قوزغاپ، سۈت چىقىش ئىنكاسىنى تېزلىتىشى كېرەك. شۇڭا، بالىنىڭ ئېمىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش — سۈتنىڭ كۆپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئامىللىرىنىڭ بىرى. يەنە بىر ئۇسۇل، ئېمىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش. بالا ھەر قېتىم ئەمگەندە پەقەت بىر تەرەپتىكى ئەمچەكنى ئېمىدۇ، بۇنداق قىلغاندا بالا سۈت چىققان ۋاقىتتا پەيدا بولغان ماي مىقدارى كۆپ سۈتنى ئېمىپلا قالماستىن، يەنە ئەمچەككە تېخىمۇ كۆپ سۈت يىغىلىدۇ شۇنداقلا ئانىنىڭ روھىي كەيپىياتىمۇ سۈتنىڭ كۆپ چىقىش - چىقماسلىقىغا باغلىق. ئانا دائىم خۇشال كەيپىياتنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك، ئەگەر خاپا بولۇپ، چېچىلىپ، قايغۇرۇپ يۈرسە ياكى ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتسە، سۈت ئازلاپ كېتىدۇ، ھەتتا سۈت توختاپ قالىدۇ. ئانىنىڭ ئوزۇقلۇق ئەھۋالىمۇ سۈتكە تەسىر قىلىدۇ، ئانا بالا ئېمىتكەن مەزگىلدە ئوزۇقلۇق مىقدارى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: پۇرچاق مۇرابباسى، بېلىق شورپىسى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى، مېۋە، سەي - كۆكتاتلار ۋە قارا ئاشلىقنى كۆپ يېيىشى كېرەك. قىزىلمۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنى يېمەسلىك كېرەك