نېمە ئۈچۈن لازېرلىق ئالاقىلىشىش مەخپىيەتلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىيالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
لازىرلىق ئالاقىلىشىش بولسا، ھازىرقى زامان ئالاقىلىشىش سىستېمىسى ئىچىدىكى كېيىن بارلىققا كەلگەن ئەڭ ياخشى ئالاقىلىشىش شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئالاقىلىشىش سىغىمى چوڭ، مەخپىيەتلىكنى ساقلىشى ياخشى، كاشىلىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئالاقىلىشىش سۈپىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. لازېر نۇرلۇق ئالاقىلىشىش شەكلى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ؛ بىرىنچىسى، <سىملىق> - ئوپىتىك تالالىق ئالاقىلىشىش، ئىككىنچىسى، <سىمسىز> ئاتموسفېرادىكى لازېرلىق ئالاقىلىشىش.
ئوپىتىك تالالىق ئالاقىلىشىشتا نۇر سىگنالى ئىنتايىن ئىنچىكە بولغان ئەينەك تالالىق ئوپىتىكىلىق كابېل چوڭقۇر يەر ئاستىغا كۆمۈلىدۇ ياكى يەر ئاستى سۇ تورۇبىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئەينەك تالالىرى سىرتقا ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنى تارقاتمايدۇ. شۇڭا، ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە مەخپىي ئاڭلاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. ئوپىتىكىلىق كابېل بايقىلىپ قالغاندىمۇ، مېتال لىنىيىدىكىگە ئوخشاش يېنىدا تۇرۇپ ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالمايدۇ. ئەگەر ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا ئىنچىكە ئەينەك تالا ئۈزۈلۈپ كېتىپ ھەممە يەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ.
ئاتموسفېرادىكى لازېرلىق ئالاقىلىشىشتا، لازېر نۇرىنىڭ چېچىلىش يولى تەكشى ھەم تۈز بىر ئىنچىكە لىنىيە بولۇپ، نۇرنىڭ تارقىلىش بولۇڭى كىچىك، يۆنىلىشچانلىقى ياخشى بولۇپ، ئېلېكترو ماگىنىت دولقۇنىدەك ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ تارقىلىش يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلىمىسە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. لازېرلىق ئالاقىلىشىشنىڭ چاستوتىسى ناھايىتى يۇقىرى (مىكرو دولقۇن چاستوتىسىغا قارىغاندا ئاز دېگەندە 100 مىڭ ھەسسە چوڭ بولىدۇ) بولۇپ، زامانىۋى ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئاڭلىغىلى قەتئىي بولمايدۇ. شۇڭا
لازېرلىق ئالاقىلىشىش سىگنالى بايقىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ۋە تەرجىمە قىلىش تەسكە توختايدۇ.