UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرۇلغان بالىلارغا يەنە قىزىل چىقىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن قىزىل ۋاكسىنىسى ئۇرۇلغان بالىلارغا يەنە قىزىل چىقىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ئەھۋال ئازراق ئۇچرايدۇ، لېكىن سەۋەبى بىر ئاز مۇرەككەپ. ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلىرى بار: 1. قىزىل ۋاكسىنىسىنىڭ سۈپىتى تۇراقلىق ئەمەس ياكى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ھەمدە توشۇلۇش، ساقلاش شارائىتلىرى ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكتىن ئىممۇنىتېت ئۈنۈمىنى يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ 2. ئەملەش ئۇسۇلى نامۇۋاپىق، تەلەپكە ئاساسەن ئەملىمىگەن مەسىلەن: مىقدارى يېتىشمەسلىك قاتارلىق. 3. ئەملەش ۋاقتى نامۇۋاپىق. بوۋاق سەككىز ئايغا توشمىغاندا، قاندا ئانا تېنىدىن ئېرىشكەن ئانتىتېلا بار بولۇپ، ۋاكسىنىدىكى تىرىك ۋىرۇسىنى نېيتراللاشتۇرۇۋېتىپ ئىممۇنىتېت مەغلۇپ بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ 4. يەككە تەن ئامىلى. بوۋاقتا بەلكىم مەلۇم بىر خىل يەككە تەن ئامىلى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭدىن ئىممۇنىتېت مەغلۇپ بولۇش كېلىپ چىقىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە