UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يەر شارى ھەر 24 سائەتتە ئۆز ئوقى ئەتراپىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى تەكشى بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئالىملارنىڭ ئۆلچىشىچە، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئۆزگەرمەس نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ سۈرئىتى بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر يىلى 8, 9 - ئايلاردا ئەڭ تېز، 3, 4 - ئايلاردا ئەڭ ئاستا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا يىل بىلەن يىل ئوتتۇرىسىدىكى ئايلىنىش سۈرئىتىدىمۇ پەرق بولىدىكەن. ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 300 يىلدىن بۇيان، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى 1870 - يىلى ئەڭ تېز، 1903 - يىلى ئەڭ ئاستا بولغان.
يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب دېڭىز سۈيى ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ياكى تۆۋەنلىشىدىن ئىبارەت. يەنە كېلىپ دېڭىز سۈيى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى يەر شارىدىكى مۇزلۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر مۇزلۇقلار كۆپلەپ ئېرىپ كەتسە، دېڭىز يۈزى كۆتۈرۈلۈپ، يەر شارىنىڭ ماسسىسىغا مۇناسىپ ھالدا رادىئۇسى ئاشىدۇ، ئايلىنىش ئىنېرتسىيە مىقدارىمۇ ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. ئەگەر مۇزلۇقلار ئاز ئېرىسە، دېڭىز يۈزى تۆۋەنلەپ، يەر شارىنىڭ ماسسىسىغا مۇناسىپ ھالدا رادىئۇسى كىچىكلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايلىنىش ئىنېرتسىيە مىقدارىمۇ ئازلايدۇ - دە، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. تارىخقا قارايدىغان بولساق، 1870 - يىلى كىلىمات سوغۇق بولۇپ، مۇزلۇقلار ئاز ئېرىگەن دېڭىز يۈزى تۆۋەن بولغان، شۇڭا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى تېز بولغان. 1903 - يىلى پۈتۈن يەر شارى تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، شۇ يىلى ئانتاركتىكادىكى مۇزلۇقلارنىڭ قېلىنىقى 1870 - يىلىدىكىدىن 25 مېتىر تۆۋەنلەپ دېڭىز يۈزى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلىغان.