يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆكىرىشىنى كەلتۈرۈپچىقىرىدىغان ئامىللار قايسىلار؟
نېمە ئۈچۈن
كۆكىرىش توقۇلمىدا ئوكسىگېن كەملىكتىن قاندىكى ئوكسىدسىزلانغان ھىموگلوبىن كۆپىيىپ، 5% تىن ئېشىپ كەتكەندە يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تېرە ھەم شىللىق پەردە كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ. كۆكىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار قىسمەن دائىرىلىك ۋە پۈتۈن بەدەنلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. قىسمەن دائىرىلىك كۆكىرىشنىڭ سەۋەبى دەسلەپتە ئاشكارىلانغان ئورۇن بېسىمغا ئۇچراشتىن ئىبارەت. پۈتۈن بەدەنلىك كۆكىرىشنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. نەپەسلىنىش سىستېمىسى ئامىلى: نەپەسلىنىش يولى توسقۇنلۇققا ئۇچراش مەسىلەن: باش سۈيى، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، سۈت قاتارلىقلارنى ئىچىۋېلىش. ئۆپكە قىسمىدىكى كېسەللىك مەسىلەن: سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە كېرىلەلمەسلىك، ئۆپكە سۈزۈك پەردىلىنىش كېسىلى، ئۆپكە قاناش، ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، تۇغما ئۆپكە تولۇق يېتىلمەسلىك، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ھۆل ئۆپكە، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش، يەل كۆكرەك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوكسىگېن كەملىكنى شەكىللەندۈرۈپ كۆكىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. (قان) ئايلىنىش سىستېمىسى ئامىلى: تۇغما يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى غەيرىيلىكى مەسىلەن: چوڭ قان تومۇرلار ئورنى ئالمىشىپ قېلىش، ئۆپكە ئارتېرىيىسى ئېتىلىپ قېلىش، فاللون تۆت قوشما كېسىلى. ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان يۈرەك زەئىپلىشىش، ئەتراپتىكى قان تومۇرلار قىسقىرىش مەسىلەن: يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك شوك، سوغۇق قاتارلىقلار.
3. نېرۋا سىستېمىسى ئامىلى: بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلار نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل ئەمەس، دائىم تەكرارلىنىش خاراكتېرلىك نەپەسلىنىش ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش ياكى نەپەس ئالماسلىق بولۇپ تۇرىدۇ. تۇنجۇقۇش، باش ئىچى قاناش ياكى مېڭە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى چۆچۈش قاتارلىقلار.
4. ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئامىلى: قىزىلئۆڭگەچ پۈتەيلىككە كاناي ئاقمىسى ئەگىشىپ كەلگەندە سۈت ئەمگەندىن كېيىن ئاغرىق بوۋاقتا كۆكىرىش، دىئافراگما چۇقۇقى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
5. مېتابولىزم توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە تۇغما مېتابولىزم كەمتۈكلۈكى: قان شېكىرى تۆۋەنلىك، گالاكتوزىلىق قان كېسىلى، تۆۋەن كالتىسيلىق قان كېسىلى، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك يۇقىرى تۆمۈرلۈك گېموگلوبىنلىق قان كېسىلى، ئېرىشمە خاراكتېرلىك يۇقىرى تۆمۈرلۈك ھىموگلوبىنلىق قان كېسىلى، گۈڭگۈرتلەشكەن ھىموگلوبىنلىق قان كېسىلى قاتارلىقلار.