تېرمومېتىرنىڭ ئەگرى سىزىقى ئارقىلىق تەكشۈرۈش دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرا ئەگرى سىزىقىغا تايىنىپ، تۇغۇت مەزگىلىنى ھېسابلىغىلى بولىدۇ. تۇخۇم سېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ، تۇغقىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 266 ~ 270 كۈن كېتىدۇ، تۇخۇم سېلىنغان كۈنى ئادەتتە ئۇرۇقلانغان كۈنى دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ توغرىلىقى نىسبەتەن يۇقىرى، ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىكى ئەگرى سىزىقى ئىچىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئەڭ ئاخىرقى كۈندىكى ئۇرۇق سېلىنغان كۈن بولۇپ، بۇنىڭغا يەنە 38 ھەپتىنى (266 كۈن) قوشساق ياكى مۇشۇ كۈندىكى ئايغا توققۇزنى قوشۇپ، كۈن سانىدىن يەتتىنى ئېلىۋەتسەك، تۇغۇت مەزگىلىنى ھېسابلىغىلى بولىدۇ. ئادەتتە توختىماستىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تۇرغاندا، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھامىلىدار بولغان - بولمىغانلىقىنى ناھايىتى تېزلىكتە ھېسابلاپ چىقارغىلى بولىدۇ. پەقەت يۇقىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى 16 كۈندىن يۇقىرى ساقلاپ قالالىغان بولسا، ھامىلىدارلىق ھادىسىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. 18 كۈندىن يۇقىرى ساقلاپ قالالىغان بولسا 90% ئېھتىماللىق بار، 19 كۈن بولسا 95% ئېھتىماللىق بار. 20 كۈندىن يۇقىرى بولسا، ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. بالا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇغۇتتىن ساقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سېرىق تەنچە ئىشلەتكەندىمۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا يەڭگىللىك بىلەن ئاساسىي بەدەن تېمپېراتۇرا ئەگرى سىزىقى ئارقىلىق ھامىلىدار بولغان - بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلماسلىق كېرەك.
بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىنى ھېسابلاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەيز كۈنىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلمىسە، تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاشتا ناھايىتى ئوڭايلا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. باشقا خىل ئۇسۇللارنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتسە ۋە قوشۇمچە قىلسا بولىدۇ.[LM]