UyghurWiki
UyghurWikiنەمەمۈشۈكياپىلاق «ئېتىزلىق قاراۋۇلى» مۇ؟

مۈشۈكياپىلاق «ئېتىزلىق قاراۋۇلى» مۇ؟

نېمە ئۈچۈن مۈشۈكياپىلاق ناھايىتى غەلىتە قۇش. ئۇنىڭ تەق - تۇرقى مۈشۈككە ئوخشىشىپلا قالماي، بەلكى ئادىتىمۇ مۈشۈكىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ چاشقان تۇتۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنىڭغا مۈشۈكياپىلاق دېگەن نامىنى قويۇپ قويغان. كۆپ ساندىكى مۈشۈكياپىلاق كېچىسى ھەرىكەن قىلىدۇ. ئۇلار سەزگۈر ئاڭلاش ۋە كۆرۈش سېزىمىغا تايىنىپ قاراڭغۇدا ئوۋ ئوۋلىيالايدۇ. قاراڭغۇدا مۈشۈكياپىلاقنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى ئادەمنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ كۆزى ئىككى تەرەپكە ئايلانمىغاچقا، زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا بېشىنى ئايلاندۇرىدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ بېشى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، 270 گرادۇس ئايلىنالايدۇ، بۇ جەھەتتە ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، ئورمانلىقتىن چىققان ناھايىتى بوش ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىيالايدۇ. چاشقان سەللا مىدىرلاپ قويسا، ئۇنى بايقىۋالىدۇ. مۈشۈكياپىلاقنىڭ قانىتىدا گىرۋەكلىك پەيلەر بار بولۇپ، بۇ پەيلەر ئۇچقان چاغدا قانىتىدىن چىققان ئاۋازى يوقىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، مۈشۈكياپىلاق تۈن پەردىسىگە ئورالغان ئورمانلىقتىن تىۋىش چىقارماي كېسىپ ئۆتەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن چاققان بەدىنى ئۇنى ئاۋازسىز «قاتىل» غا ئايلاندۇرغان. بىر مۈشۈكياپىلاق بىر كۈندە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن بىر دانە ئېتىز چاشقىنىنى تۇتۇپ يەيدۇ. يېتىلگەن بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يازدا 1000 دىن ئارتۇق چاشقاننى تۇتىدۇ. بىر دانە چاشقان بىر يازدا ئاز دېگەندە بىر نەچچە جىڭ ئاشلىقنى يەۋېتىدۇ ۋە ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا، بىر مۈشۈكياپىلاق بىر يازدا ئىنسانلارغا 1000 كىلوگرام ئاشلىقنى قوغداپ بېرىدۇ، بۇ ئالتە ئادەمنىڭ بىر يىللىق ئوزۇقىغا باراۋەر. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ مۈشۈكياپىلاقنى « ئېتىزلىق قاراۋۇلى» دەپ ئاتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئالقىشلاشقا تېگىشلىكى شۇكى، مۈشۈكياپىلاق چاشقان جەمەتىگە ئىنتايىن ئۆچ بولۇپ، چاشقاننى يەپ تويۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چاشقاننى بايقاپلا قالسا، ئۇنى تۇتمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ تاشىلۋېتىشكە رازىكى، ئۇنىڭ ھايات يۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە