UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبىر ياشلىق بالىلار قايسى خىل ھەرىكەتنى قىلىشقا ئەڭ ئامراق؟

بىر ياشلىق بالىلار قايسى خىل ھەرىكەتنى قىلىشقا ئەڭ ئامراق؟

نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى جەھەتتىكى يېتىلىشى تەرتىپلىك بولىدۇ، پەقەت مۇشۇ تەرتىپ بويىچە چېنىققاندا ئاندىن ساغلام بولۇپ، ئەقلىي قابىلىيەتنى ئاچقىلى بولىدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىلمىي ھالدا بالىلارغا تەنھەرىكەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىر ياشلىق بالىلارنىڭ پۇت - قوللىرىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ، 15 ئايلىق بولغاندا بىر قەدەر پۇختا ماڭالايدۇ، 18 ئايلىق بولغاندا يۈگۈرەلەيدۇ، پەلەمپەيگە يامىشالايدۇ. 21 ئايلىق بولغاندا تېزراق يۈگۈرەلەيدۇ، بىر ياشتىن ئاشقان بالىلار چوڭراق كۆلەمدە پائالىيەت ئېلىپ بارالايدۇ. بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن يۇقىرى ۋاقىت، سىرتتا ھەرىكەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ ۋاقىتتا بالىلار سىرتتا توپ قوغلاپ رىشاتكىنى تۇتۇپ مېڭىپ، ئويۇنچۇقلارنى تالىشىپ ئويناپ، كىچىك ھارۋىنى ئىتتىرىپ دېگەندەك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بىر ياشلىق بالىلار قايسى خىل ھەرىكەتنى قىلىشقا ئەڭ ئامراق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki