UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنى كۆكتات يېيىشكە قانداق كۆندۈرۈش كېرەك؟

بالىلارنى كۆكتات يېيىشكە قانداق كۆندۈرۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆكتات يېمەيدىغانلىقتىن قايغۇرۇشۇپ، قانداق قىلغاندا بالىلىرىنىڭ كۆكتاتقا ئامراق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ كۆكتات يېيىشىنى خالىماسلىقى كۆپىنچە ئاتا - ئانىنىڭ بالا بېقىش ئۇسۇلىنىڭ نامۇۋاپىقلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، توغرا بولغان بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى يېتىشتۈرۈشنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپتىن باشلاش كېرەك: 1. ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھەرىكەتلىنىپ، تەرتىپلىك ھالدا ئاستا - ئاستا بېرىش: بالا تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندىن كېيىن كۆكتات شىرنىسى بېرىشكە بولىدۇ، ئاندىن ئاستا - ئاستا ئۇششاق ئېزىلگەن كۆكتات قىيامىنى بېرىشكە باشلىسا، بالىلار بىلىپ - بىلمەي كۆكتاتقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ. 2. تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى كۆكتات بېرىش: ئاتا - ئانىلار قورۇماقورۇغاندا توختىماستىن تۈرىنى ئۆزگەرتىپ، خىلمۇخىل قورۇما قورۇش، شۇنداقلا تاماق بەرگەن ۋاقىتتا ئاۋۋال كۆكتاتنى ئاندىن گۆش، تۇخۇمنى بېرىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ناھايىتى ئۈنۈملۈك. 3. تەربىيىنى ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش: بەزى ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرى كۆكتات يېمەي تۇرۇپ، بالىلىرىنى كۆكتات يېيىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ ناھايىتى تەس ئىش. ئاتا - ئانىلار چوقۇم ئۆزىدىن باشلاپ، كۆكتاتنى كۆپرەك يېيىش. بالىلار ئىش ئۇققاندىن كېيىن ئۇلارغا توختىماستىن كۆكتات يېيىشنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ سىڭدۈرۈش كېرەك. ئىشەنچىمىز كامىلكى، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندىن كېيىن بالىلار چوقۇم كۆكتاتقا ئامراق بولۇپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىلارنى كۆكتات يېيىشكە قانداق كۆندۈرۈش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki