سېسىقكۈزەن دۇنيا بويىچە ئەڭ سېسىق ھايۋانمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئاغىمىخان، ئاق ئاغىمىخان ۋە ئىپار مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ سېسىق ئوسۇرىدىغان ئادىتى بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان سېسىقكۈزەننى دۇنيا بويىچە ئەڭ سېسىق ھايۋان دېيىشكە بولىدۇ.
سېسىق نامى پۈركەتكەن بۇ سېسىقكۈزەن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يېرىم تاغلىق رايونلىرىدا ياكى ئوتلاقلىقلاردا ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۇتلىرى قىسقا، قۇيرۇقى كەڭ ھەم توم بولۇپ، قارىماققا پىستىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
ئامېرىكا سېسىقكۈزەنىنىڭ تۇرقى سەت. ئۇنىڭ كاسىسىنىڭ يېنىدا بىر بەز بولۇپ، ئۇنىڭدىن چىداپ تۇرغۇسىز بىر خىل سېسىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سېسىق سۇيۇقلۇق كۆزگە كىرىپ كەتسە، ئېغىر بولغاندا كۆزنى كۆرمەس قىلىپ قويىدۇ. ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ بۇرنىغا تېگىپ كەتسە، پالەچ قىلىپ قويۇش رولىنى ئويناپ، قۇسۇش، ھوشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بۇ خىل سېسىق سۇيۇقلۇق بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە، سېسىق پۇراق ئۇزاققىچە يوقالمايدۇ. شامال يۆنىلىشى بويىچە بولغاندا، بۇ خىل سېسىق پۇراقنى 500 مېتىر نېرىدا تۇرۇپ پۇرىغىلى بولىدۇ. دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، سېسىقكۈزەن قۇيرۇقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قۇيرۇق تەرىپىدىن سېسىق سۇيۇقلۇقنى چاچىدۇ. ئۇ ئىنتايىن سېسىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پالەچ قىلىپ قويۇش رولىنى ئوينايدۇ. دۈشمەنلىرى سېسىقكۈزەن چىقارغان پۇراقنى پۇراپلا قالسا، بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ، روھى چۈشۈپ، ئۇنى تۇتقۇدەك ماجالى قالمايدۇ.
شۇڭا، نۇرغۇن ھايۋانلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپلا قالسا، دەرھال يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، ھەتتا ئوۋچىلارمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلشىشتىن قورقىدۇ. دېمەك، بۇ خىل «خىمىيىلىك قورال» ھەقىقەتەن ئىنتايىن يامان ئىكەن.