UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق دېگەن نېمە؟

كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق دېگىنىمىز — بالىلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، دائىم كۆرۈلىدىغان كۆز كېسەللىكى بولۇپ، ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جەريانىدا، چوڭ مېڭىدىكى كۆرۈش سەزگۈ نېرۋىلىرىنىڭ تولۇق غىدىقلىنىشىغا ئۇچرىماي، يېتىلىشتىن ياكى قوزغىلىشتىن توختاپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت. ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بولسا كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ يېتىلىۋاتقان ھالقىلىق ۋاقتى، شۇڭا كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كۆپىنچە بالىلاردا كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ بوۋاقلاردا، كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، جۇڭخۇا كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى جەمئىيىتى ئۆسمۈرلەردىكى كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق، ئالىغايلىق قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بەرگەن: ئومۇمەن كۆز ئەتراپىدا روشەن دەرىجىدە كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا، فۇنكسىيە ئامىللىرىنى قوزغىتىشىنى ئاساس قىلىپ، يىراقنى كۆرۈش ئىقتىدارىنى تۈزلەش ئارقىلىقمۇ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە ياكى كۆرۈش ئىقتىدارى ئومۇمەن 8.0 بولسا كۆرۈش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. يەنى، بالىنىڭ كۆزى قارىماققا يا قىزارمىسا ياكى ئىششىپ كەتمىسە، كۆزلىرى چاقناپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى دوختۇر دائىملىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن مەسىلەن: كۆز ئاستىنى تەكشۈرۈش ئەينىكى ئارقىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرۈپمۇ كېسەللىك ئالامىتىنى بايقىيالمىسا، بىراق كۆزنىڭ كۆرۈش قابىلىيىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇۋاپىق بولغان كۆزەينەكنى تاقىغاندىن كېيىنمۇ كۆرۈش ئىقتىدارى نورمال بولمىسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق دېيىلىدۇ. بۇ خىل كېسەل ئېغىر بولغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، كۆزى ئاجىزلىقتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە