UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشتەك ناچار ئادەتلەرنى قانداق قىلغاندا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟

بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشتەك ناچار ئادەتلەرنى قانداق قىلغاندا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلىق مەزگىلىدە بالىلارنىڭ بارمىقىنى ئېمىشى نورمال ھادىسە بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ قولىنى ئېمىشى بىر تەرەپتىن ئېغىز ۋە قولنىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش ئىستىكىنى قاندۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا بارمىقىنى ئېمىپ سۈتكە بولغان ئىنتىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بالىلار بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغاندىمۇ يەنىلا داۋاملىق بارمىقىنى ئەمسە، نورمال بولمايدۇ. بۇ بىر ناچار ئادەت، ئەگەر ئۈچ ياشتىن ئاشقاندىمۇ يەنىلا توختىماستىن بارمىقىنى ئەمسە، بىرخىل كېسەللىك پسىخىكىسىغا ئۆزگىرىپ، يالغۇزسىراش، خاتىرجەمسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا بارمىقىنى ئېمىش بالىنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ پايدىسىز. بالىلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، دائىم خىلمۇخىل نەرسىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئويۇنچۇق، قۇم قاتارلىقلار بولۇپ، بەزى نەرسىلەر ئوڭايلا قولغا يۇقۇپ، كېسەللىك ۋىرۇسى ۋە پارازىت قۇرتلار بارماققا چاپلىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارماقنى ئېمىش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، بالىلاردا ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى ۋە پارازىت قۇرت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بالىلار بارمىقىنى ئەمسە بالىنىڭ تاشقى قىياپىتى، تۇراقلىق چىش شەكلىگە ۋە بارماقنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈگىتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە