ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە دەريادىن قانداق ئۆتكەن؟
نېمە ئۈچۈن
قەدىمكى زاماندىكى ئىنسانلار ئوۋچىلىق قىلىپ ياشايتتى. ئۇلارنىڭ دائىم چوڭ دەريالارغا بېرىپ بېلىق تۇتۇشىغا، چوڭ دەريادىن ئۆتۈپ ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىشىغا توغرا كېلەتتى، شۇڭا، تۇرمۇش ئۇلارنى دەريادىن ئۆتىدىغان قورال ياساشقا مەجبۇر قىلاتتى، يالىڭاچ دېگۈدەك يۈرىدىغان قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ كېمە ياساش قوراللىرى يوق بولۇپ، ئۇلاردا كېمە ياساش ئىقتىدارىمۇ يوق ئىدى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇلار قۇرۇپ قالغان بىر تۈپ دەرەخنىلا كېمە قىلىپ ئىشلەتكەن. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، قەدىمكى ئىنسانلار دەرەخنىڭ ئۇچىنى، يىلتىزىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئەسلىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ لەيلەيدىغانلىقىنى، سۇدا مېڭىشقا تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدىغانلىقىنى تەدرىجىي بىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلار دەرەخنى مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ، تال چىۋىقلار بىلەن باغلاپ ياغاچ سال قىلىپ ئىشلەتكەندە، ئۇنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى (ھازىرمۇ يەنىلا ئاز بولمىغان جايلاردا ياغاچ سال ئىشلىتىلمەكتە) يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىلىپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەنە قومۇش، ئوت - چۆپ غولى، بامبۇك قاتارلىقلارنى ماتېرىيال قىلىپ، باغلاپ ياسىغان ساللار كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كەلگەن. قەدىمكى مىسىرلىقلار يەنە چىغنىڭو غولىدىن بېشى بىلەن قۇيرۇقى دىڭگىيىپ تۇرىدىغان كېمىلەرنى ياسىغان.
ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قەدىمكى ئىنسانلار سالنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىغاندىن باشقا يەنە، چوڭ دەرەخلەرنى ئويۇپ چاپما قېيىق ياساپ، دەريادىن ئۆتۈش قوراللىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان. دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ ئېلىۋەتكەندە ھەم يېنىكلەتكىلى، ھەم ئىچىدە ئادەم ئولتۇرغىلى بولاتتى، بۇ ئەينى چاغدىكى ئىپتىدائىي كېمە ئىدى، ئىندىئانلار ھازىرمۇ قولۋاقنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتمەكتە.
ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە ئىشلەتكەن سۇدىكى قاتناش قورالى سال بىلەن چاپما قېيىق ئىدى. شۇڭا، ئىنسانلار ئالدى بىلەن ئۇلارغا مۇناسىب كېلىدىغان خادىنى ئىشلەتكەن، ئاندىن كېيىن پالاق ۋە يەلكەنلەر بارلىققا كەلگەن.