بالىنىڭ كۈندۈزلۈك يېمەك - ئىچمىكىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنىڭ كۈندۈزلۈك يېمەك - ئىچمىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەشمۇ بالىنىڭ كېچىدىكى ئېمىش سانىنى ئازلىتىشتىكى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، كۆپ قىسىم بالىلار بەزى ۋاقىتتا كۈندۈزى ئويناپ، ئېمىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. قورسىقىنىڭ ئاچقان - ئاچمىغانلىقىغىمۇ دىققەت قىلمايدۇ، كېچە بولغاندا ئاندىن قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئانىنىڭ ئەمچىكىنى 24 سائەت ئېچىلىپ تۇرىدىغان <كىچىك يېمەكلىك دۇكىنى> غا ئوخشىتىپ، خالىغان ۋاقىتتا ئېمىدىغان بولۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا كېچىسى پات - پات ئويغىنىپ ئېمىدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاددىي. كۈندۈزى بالىغا كۆپرەك يېگۈزۈپ، بالىنى بىرقانچە قېتىم كۆپ ئېمىتسە، بالىنىڭ كېچىدە قورسىقى ئېچىپ، پات - پات ئويغىنىشىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ.