UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئاغرىتماي تۇغۇشنىڭ ھامىلىگە تەسىرى بارمۇ؟

ئاغرىتماي تۇغۇشنىڭ ھامىلىگە تەسىرى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ناھايىتى كۆپلىگەن ئاياللار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇغۇتتا ئاغرىق توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا. بىراق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ دورا ئىشلىتىشنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق خفسلىقى ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ھامىلە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ئانا تېنىدىكى دورىنى قوبۇل قىلىۋالىدىغانلىقتىن، بالىنىڭ تۈرلۈك فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىگە تەسىر يېتىدۇ. ئاغرىقنى توختىتىدىغان دورىلارنىڭ بالا ھەمراھىغا تۆۋەندىكىدەك تەسىرى بار: 1. كۆزى يورۇغان ۋاقىتتا تۇغۇت جەريانى بىر ئاز ئۇزۇن بولغاچقا، ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم دورا يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. تۇغۇت جەريانى تېخىمۇ ئۇزۇن بولسا، قىيىن تۇغۇت نىسبىتى ۋە ھامىلىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرى بولىدۇ. 2. ئاغرىق توختىتىش دورىلىرى پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ، بالا ھەمراھىغا قان قۇيۇلۇش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ھامىلىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى زامان تېبابەت ئەندىزىسىدە كۆڭۈلدىكىدەك ئاغرىق توختىتىش ئۇسۇلىنى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۇنىۋېرسال كېسەللىككە قارىتا ئاغرىق توختىتىش ئۇسۇلى قوللىنىپ، ئىمكانقەدەر دورىنىڭ ئانا - بالىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئاغرىتماي تۇغۇشنىڭ ھامىلىگە تەسىرى بارمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki