UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مول نېفىت بايلىقى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مول نېفىت بايلىقى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق رايونى جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىسمىغا تەۋە، شۇڭا <غەربىي ئاسىيا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا شەرق رايونى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ، نېفىت ئېكسپورت مىقدارى پۈتۈن دۇنيا نېفىت ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ 60 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادىكى نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ بولغان ئالتە چوڭ دۆلەتنىڭ تۆتى ئوتتۇرا شەرققە جايلاشقان. ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نېفىت بايلىقىنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇ يەرنىڭ گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش جەريانى ۋە گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نېفىت قەدىمىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قالدۇقىدىن شەكىللەنگەن. نۇرغۇنلىغان قەدىمىي ئۆسۈملۈكلەر لاي - لاتقىلار ئاستىدا ئۇزۇن يىللار كۆمۈلۈپ ياتقاندىن كېيىن چۆكۈندى ماددىلار ئۈزلۈكسىز قېلىنلايدۇ، يۇقىرى بېسىم ۋە يۇقىرى ھارارەت شارائىتىدا، بىر خىل باكتېرىيىنىڭ ئوكسىگېنسىزلاشتۇرۇش خۇسۇسىيتى تۈپەيلىدىن، يەر ئاستىدىكى بۇ ئورگانىك ماددىلار ئۈزلۈكسىز ھالدا ئوكسىگېنسىزلىنىش، ھىدروگېن يوقىتى ۋە كاربونلىشىش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا نېفىتقا ئايلىنىدۇ. ئوتتۇرا شەرق رايونى ئەسلىدە قەدىمىي ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بىر قانچە مىليون يىللىق ئاجايىپ - غارايىپ ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن پارس قولتۇقى بىپايان تېيىز دېڭىز رايونىغا ئايلانغان، بۇنداق گېئولوگىيىلىك شارائىت ئورگانىك ماددىلارنىڭ نېفىتقا ئايلىنىشىغا بىر قەدەر پايدىلىق بولغان؛ يەر پوستىنڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىش ھەرىكىتى يەنە بۇ يەردە غايەت قېلىن چۆكۈندى قاتلىمىنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇرغۇن نېفىتنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن ئوبدان شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا شەرق رايونىنى مول يەر ئاستى نېفىت بايلىقىغا ئىگە قىلغان. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى نېفىتنىڭ زاپىسى كۆپ، جايلىشىشى مەركەزلىك، ئورنى بىر قەدەر تېيىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پارافىن تەركىبى تۆۋەن، قېتىشىش نۇقتىسىمۇ پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەلا سۈپەتلىك خىمىيە سانائىتى خام ئەشىياسى ۋە ئېنېرگىيە خام ئەشىياسى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە