UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن لازېر قوراللىرى كەلگۈسىدىكى جەڭدە ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن لازېر قوراللىرى كەلگۈسىدىكى جەڭدە ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن لازېر نۇرى دۇنيادا ئەڭ يورۇق بىر خىل نۇر بولۇپ، قوياش نۇرىدىنمۇ نەچچە مىليارد ھەسسە يورۇق. ئۇ نەچچە مىليون گرادۇس يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە نەچچە مىليون ئاتمۇسفېرا بېسىمى ھاسىل قىلىپ، ھەر قانداق ماتېرىيالنى ئېرىتىۋېتەلەيدۇ ھەم تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. لازېر نۇرىنى قورال قىلغاندا، ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. لازېر نۇرىنىڭ سۈرئىتى سېكۇنتېغا 300 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، نۆۋەتتىكى ھەر قانداق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىنمۇ نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى. شۇڭا، لازېر قوراللىرىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا، ئالدىن ھازىرلىنىش مىقدارىنى ھېسابلاش ھاجەتسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، لازېر نۇرى دەستىسى يۈكسەك دەرىجىدە توپلىنىدىغان بولۇپ، يۆنىىشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇڭا <قەيەرنى نىشانلىسا، شۇ يەرگە تېگىش> نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، نىشانغا تېگىش نىسبىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى. لازېر نۇرىنىڭ غايەت زور رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسى ئايروپىلان ياكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قاتارلىقلارنىڭ سىرتقى قېپىنى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئېرىتىپ تاشلاپ ئەجەللىك ۋەيران قىلىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. لازېر قوراللىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئاتىدىغان <ئوقى> ئەمەلىيەتتە لازېر نۇرى دەستىسىدۇر. شۇڭا، ئۇ توختىماستىن ئوت ئاچسىمۇ، ھېچقانداق ئىس - تۈتەك چىقمايدۇ، ئادەتتىكى زەمبىرەكلەرگە ئوخشاش ئارقىغىمۇ تەپمەيدۇ، لازېر نۇرى چىقىرىدىغان قوراللارنى يەنە ئايروپىلان، ھەربىي پاراخوت، تانكا ۋە ھەر قانداق ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىشقا بولىدۇ. لازېر قوراللىرى ⅩⅩئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىغان، ھازىرغىچە رەسمىي ئۇرۇشلاردا تېخى ھەقىقىي ئىشلىتىلىپ باقمىدى. لازېر قوراللىرى ئومۇمەن تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئالدىنقىسى لاېر مىلتىقى، لازېر ئارقىلىق كۆزنى كۆرمەس قىلىۋېتىش قورالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكى تۈرگە لازېر زەمبىرىكى قاتارلىقلار كىرىدۇ. بۇلۇپمۇ لازېر زەمبىرىكى ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە تانكىلارغا زەربە بېرىشكە ئىشلىتىلگەندىن سىرت، يەنە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلاردا سۈنئىي ھەمراھ، ئالەم كېمىسى، ئالەم ئىستانىسى قاتارلىق ئالەم بوشلۇقىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان مۇھىم قورالغا ئايلانغۇسى.
← بارلىق تېمىلار نەمە