UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدۇنيادا راسستىنلا ئادەم يەيدىغان ئۆسۈملۈك بارمۇ؟

دۇنيادا راسستىنلا ئادەم يەيدىغان ئۆسۈملۈك بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن تەبىئەت دۇنياسىدا بەزى چوڭ ھايۋانلار، مەسىلەن، شىر، يولۋاس، يىلپىز، بۆرە قاتارلىقلار ئېچىرقاپ كەتكەن ياكى ئادەملەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئۇلارنىڭ ھايۋانلىق تەبىئىتى قوزغىلىپ ئادەمگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ھەقىقەتەن يىرتقۇچنىڭ خەۋپىگە ئۇچرايدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ھايۋاناتقا ئوخشاشمايدۇ، ئۇلاردا ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىش شارائىتى كەمچىل بولغاننىڭ ئۈستىگە بۇ خىل زۆرۈرىيەتمۇ يوق، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزىنى ئۆزى بېقىشقا، يەنى فوتوسىنتېز رولىغا تايىنىپ ھاياتىنى ساقلايدۇ. ماداگاسكار ئارىلىدا ئادەم يەيدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بار ئىكەن، دېگەن بۇ مىش - مىش پاراڭغا كەلسەك، بۇ پۈتۈنلەي ⅨⅩ ئەسىردە ئۆتكەن گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيىچى كارل رىچنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپ. ئۇ ئافرىقىدىكى ئېكىسپېدىتسىيىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دېگەن: <ماداگاسكار ئارىلىدا مەن ئادەم يەيدىغان بىر خىل دەرەخنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شۇ جايدىكى يەرلىك خەلق ئۇنىڭغا >ئىلاھىي دەرەخ< دەپ چوقۇنىدىكەن. بىر قېتىم يەرلىك ئايال قەبىلىنىڭ مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغاچقا، جازالاش ھېسابىغا ئۇنى ئىلاھى دەرەخكە مەجبۇرىي ياماشتۇرۇپ چىقارغان، ھەش - پەش دېگۈچىلا دەرەخنىڭ تىكەنلىك ياپراقلىرى بۇ ئايالنى يۆگىۋالغان. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار دەرەخ يوپۇرمىقىنى ئاچسا بىر دۆۋە سۆڭەكلا قالغانلىقىنى كۆرگەن.> ئۇنداقتا، دۇنيادا زادى ئادەم يەيدىغان ئۆسۈملۈك بارمۇ، يوق؟ 1971 - يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن كۆپ دۆلەت ئالىملىرى قاتناشقان بىر ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى تەشكىللىنىپ ماداگاسكار ئارىلىغا بېرىپ نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئۇلار ئۇ جايدا ئادەم يەيدىغان دەرەخنى ئۇچراتمىغان، پەقەت ھاشارات يەيدىغان بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىلا بايقىغان. شۇڭا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىملار: ئادەم يەيدىغان ئۆسۈملۈك ھەققىدىكى مىش - مىش پاراڭنى ئېھتىمال كىشىلەر ھاشارات يەيدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تەسەۋۋۇر قىلىپ چىققان بولسا كېرەك، ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، كىشىلەر ئادەم يەيدىغان ئۆسۈملۈكنى تېخى ئۇچراتقىنى يوق.
← بارلىق تېمىلار نەمە