UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ چىش چوتكىلاشنى ئۆگەنسە بولىدۇ؟

بالىلار قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ چىش چوتكىلاشنى ئۆگەنسە بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بالىلار ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاتا - ئانىلار ئۇنىڭغا [HJ65x] چىش چوتكىلاشنى ئۆگىتىشى كېرەك، چۈنكى چىش چوتكىلاش تاماق يېيىشكە ئوخشاش ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان پائالىيەت. بالىلار كىچىك چاغدا بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ناھايىتى تەسلىكتە چىقىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، بالىلارنىڭ چىققان سۈت چىشى يەنىلا ئاز بولغاچقا، چوتكىلىماي ئېغىز بوشلۇقىنى ئاسرىسىلا بولىدۇ. ئىككى ياشقا كىرگەندە بالىلارغا 16 تالدىن 20 تالغىچە ئاپئاق كىچىك سۈت چىشى چىقىپ بولغاچقا، چوتكىلاشقا باشلىسا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى چوڭلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، نەپەس يوللىرى ۋە يېمەك - ئىچمىكىمۇ ئاساسەن چوڭلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ شۇنداقلا ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى باكتېرىيىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە مۇناسىپ كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپئاق سۈت چىشنى ئوڭايلا قۇرت يەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چىش چوتكىلاش بالىلارنىڭ چىشى ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن باشقا، چىش چوتكىلىغاندا چىش تۈۋىلىرىنى ئۇۋۇلاش مەقسىتىگە يېتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارغا ئىككى ياشقا كىرگەندىن باشلاپ، چىش چوتكىلاشنىئۆگىتىشنى باشلىسا، ئۈچ ياشقا كىرگەندە چىشىنى ئۆزى چوتكىلىيالايدىغان بولىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە