UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن چوڭ ياشتىكى تۇغۇتلۇق ئاياللار ئوڭايلا گومۇش ۋە غەيرىي نورمال بالا تۇغىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن چوڭ ياشتىكى تۇغۇتلۇق ئاياللار ئوڭايلا گومۇش ۋە غەيرىي نورمال بالا تۇغىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتە بىز دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرۈش بولسا، يېشى 23 لەردىن ئاشقان تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. يېشى چوڭ ئاياللار بولسا 35 ياشتىن يۇقىرى ياشتىكى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ گومۇش ۋە غەيرىي نورمال ھالەتتە تۇغۇلۇشى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ يېشى چوڭ بولسا، قىيىن تۇغۇت ۋە ھامىلە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ يېشى چوڭ بولۇپ كەتسە، تۇخۇم ھۈجەيرىلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى تۇخۇمدان قوبۇل قىلغان خىلمۇخىل نۇر ۋە زىيانلىق ماددىلارنىڭ تەسىرىمۇ بارغانسېرى كۆپ بولىدۇ، بۇ خىل ئامىللار ئىرسىي ماددىسىنىڭ پەيدا بولۇشىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئىرسىي ماددا خروموزومىدىكى ھۈجەيرىلەر ئاجرىتىلىش جەريانىدا ئاجرىماسلىق ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى 21 - نومۇرلۇق خروموزومىنىڭ ئاجرىماسلىقى بولۇپ، ئاقىۋەتتە تۇغما گومۇشلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. بىمارنىڭ خروموزوماسىنى تەھلىل قىلىش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئۈچ تال 21 - نومۇرلۇق خروموزومانىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە <21 - تىرىزومىك سىندورومى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولىدۇ، چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ تۇرمۇشىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. بەدەن قىياپىتى غەيرىي بولغاندىن سىرت، يۈرەك، ھەزىم قىلىش يوللىرى قاتارلىق ئىچكى ئەزالار غەيرىي نورمال ھالەتتە بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە بايقىلىشىچە، ئانىنىڭ يېشى بەك كىچىك، دادىنىڭ يېشى 55 تىن ئاشقان بولسا، بۇنداق ۋاقىتتا تۇغۇلغان بالىلارغىمۇ تەسىرى بولىدىكەن. شۇڭا، ئومۇمەن ئاتا - ئانىنىڭ يېشى 35 ياشتىن يۇقىرى بولسا، تۇغۇلغان بالىلارنىڭ تۇغما گومۇش تۇغۇلۇش نىسبىتى ياكى ئائىلىسى ئىچىدە تۇغما گومۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىراق بولىدىكەن. شۇڭا ئامبۇلاتورىيىگە بېرىپ زۆرۈر بولغان تەكشۈرتۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش ھەم قايتا ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن بالىياتقۇدىكى ھامىلىگە نىسبەتەن تۇغۇشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بېرىپ، 21 - تىرىزومىك سىندورومىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بار - يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش. ئەگەر ھامىلىنىڭ خروموزوماسى نورمال بولسا، داۋاملىق ھامىلىدار بولسا تۇغسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر خروموزومادا نورمالسىزلىق بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا ھامىلىدار بولۇشنى توختىتىش كېرەك.